UyghurMain Dictionary
چاقماق ئۇسسۇلى
ئۇسسۇل
«چاقماق ئۇسسۇلى» نىڭ ئەسلىي نامى «بۇررىك ئۇسسۇلى» بولۇپ، سۇندۇرۇش، بۇزۇش، سوقۇلۇش دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ خىل ئۇسسۇل ئۇسسۇلچىلاردىن ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىنى ئادەمنىڭ جىسمانىي كۈچ ۋە ئىقتىدارىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىگىچە جارى قىلدۇرۇپ، ئۇسسۇلدا يېڭى زېمىن يارىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەيران قالارلىق دەرىجىدە مەدھىيە - ماختاشلارغا ئېرىشكەن بۇ ئۇسسۇل ھەم كۆڭۈل ئېچىش، ھەم ئويۇن كۆرسىتىشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. چۈنكى، ئۇ ئۇسسۇلچىنىڭ قەلب ھېسسىياتىنى ئەركىن - ئازادە، شۇنداقلا كەم - كۈتىسىز ئۇرغۇتۇش ئارقىلىق كىشىلەرنى ھاياجانلىنىش، ئەسەبىيلىشىش دەرىجىسىگە يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، ئۇ دىسكوغا قارىغاندا ھېسسىياتنى تېخىمۇ قوزغىتالايدۇ.
چاقماق ئۇسسۇلىدا ئۇسسۇل، ئەركىن گىمناستىكا، گاچا تىياتىرى ھەرىكەتلىرى ھەمدە سېرك ماھارىتى ئۆزئارا مۇجەسسەملەنگەن. جۇڭگودا ئۇنىڭغا جانبازلىق ھەرىكىتى، شىچۈي تىياتىرىدىكى موللاق ئېتىش ماھارىتى ئىجادىي ھالدا كىرگۈزۈلگەن، نەتىجىدە جۇڭگوچە ئۇسلۇبقا ئىگە بۇررىك ئۇسسۇلى تەدرىجىي شەكىلللەنگەن. بۇ خىل ئۇسسۇلنىڭ تەڭكەش مۇزىكىسى بەئەينى ھاۋا گۈلدۈرلەپ چاقماق چېقىۋاتقاندەك ياڭرايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، بۇررىك ئۇسسۇلى ئېلىمىزدە «چاقماق ئۇسسۇلى» دەپ ئاتالغان.
پىرقىرىما ئۇسسۇل، موللاق ئۇسسۇلى، توك سوقۇش ئۇسسۇلى ۋە ياغاچ قونچاق ئۇسسۇلى چاقماق ئۇسسۇلىنىڭ ئاساسلىق شەكىللىرىدۇر. بۇ خىل شەكىللەر ناھايىتى كۈچلۈك ماھارەت خاراكتېرىنى ئالغان. ئۇسسۇلچىلار بۇ ئۇسسۇلنى ئوينىغاندا ھېلى يەرنى بېشى بىلەن تىرەپ تۇرسا، ھېلى مۈرىلىرى بىلەن تىرەپ تۇرىدۇ؛ ھېلى دومىلىسا، ھېلى قۇيۇندەك پىرقىرايدۇ، پىرقىراش سۈرئىتى سائىتىگە100 مىلغا يېتىدۇ، ئىرغىسا ئۈچ مېتىردىن يىراق يەرگە چۈشەلەيدۇ؛ «يۇمشاق قىياپەت» خۇددى ئالەم بوشلۇقىدا ئېغىرلىق يوقىتىپ لەيلەۋاتقاندەك ھەرىكەتلەرنى قىلالايدۇ. قىسقىسى، بۇ خىل ئۇسسۇلدا ھەركىم ئۆزىنىڭ جىسمانىي ئىقتىدارى ۋە ئىگىلىگەن ئۇسسۇل ماھارىتىگە ئاساسەن ئىجادكارلىقنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدۇ، ئۇسسۇل دۇنياسىدا ئادەمنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرغۇدەك يېڭى زېمىنلارنى يارىتالايدۇ.