UyghurMain Dictionary
چاقماق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
چېقىن، ئىلدىرىم، چېقىلغاق.
چاقماق چاقماق.* چاقماق قايتۇرغۇچ.* چاقماق چۈشكەننىڭ ئۈستىگە يىلان چاقتى ( ماقال ).* چاققاق ئوتقا چاقماق چۈشمەس ( ماقال ).
ئاداۋەت ئېتەككە تۇتاشمىسۇن، ياق،
جاھانغا ئوت قويار، مىسالى چاقماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
1. زاژىگالكا.
چاقماق تېشى.* گاز چاقماق.* ئېلېكتىرونلۇق چاقماق.* چاقماق ياندۇرماق.* چاقماققا ئېتىنى تېگىشكەن ئەخمەق ( ماقال ).
2. ئېتىش قوراللىرىنىڭ مىشەككە تېگىپ ئوت ئالدۇرىدىغان قىسمى، تەپكە. مىلتىقنىڭ چاقمىقى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت
تۆت بۇرجەك، چاسا.
چاقماق قەنت.* چاقماق دەپتەر.* چاقماق رەخت.* تاۋارغا چاقماق سالماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بۇلۇت بىلەن بۇلۇت ياكى بۇلۇت بىلەن يەر ئارىسىدا يۈز بېرىدىغان توك چىقىرىش ھادىسىسى.
كۆپ ياشىغان ئەخمەقتىن يېنىپ ئۆچكەن چاقماق ياخشى. چاققاق ئوتقا چاقماق چۈشمەس. چېقىن چۈشكەننىڭ ئۈستىگە يىلان چاقتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوت ھاسىل قىلىدىغان كىچىك سايمان، تۈرى كۆپ.
ھەقىقەتنى چاقماققا ئوخشاتقان ياخشى، ئۇ قانچىكى كۆپ سۈركەلسە، ئۇنىڭدىن چىققان نۇر شۇنچە يارقىن بولىدۇ. ھازىر ئېلېكترون چاقماق چىقتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چىش ئاستىغا ئالماق، زەھىرىنى چاچماق.
ئۆز چىشىڭ ئۆز تىلىڭنى چىشلەپمۇ قويار. كەمبەغەل تۆگە مىسىمۇ ئىت چىشلەر. ئىتنى چىشلىمەيدۇ دېمە. چاياننى چاقمايدۇ دېمە. يىلان چاققان ئالا يىپتىن قورقار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۇ كەلتۈرگەن خارۇزار، كوزا سۇندۇرغان ئەزىز. ئېشىنى يەپ، قازىنىنى چېقىپتۇ. نانۇشتىدا نان ئوشتۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
چاقماق.
ئوت يېقىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان چاقماق تاش. بۇ سۆز ئىسىم بولغىنىدەك مەستەرمۇق بولۇپ كېلىدۇ. بۇ ئەرەپچىدىكى «» سۆزىدىن كەلگەن «» ۋە «» سۆزىدىن كەلگەن «» سۆزلىرىگە ئوخشايدۇ.
1 - 614
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
پارچىلىماق، كەسمەك، چاقماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بۇلۇت بىلەن بۇلۇت ياكى بۇلۇت بىلەن يەر يۈزى ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىدىغان زەرەتسىزلىنىش ھادىسىسى؛ يانغىن.
كۆچمە. ئۇچقۇن، ئوت.
ئىنتىقام چاقمىقى. غەزەپ چاقمىقى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كىچىك ۋە ئەپلىك بولغان بىر خىل ئوت ياندۇرۇش ئەسۋابى. ئۇ يىقىلغۇسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ سۇيۇقلۇق چاقمىقى ۋە گاز چاقماق؛ ئوت ياندۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ تاشلىق چاقماق ۋە ئېلېكترونلۇق چاقماق دېگەنلەرگە بۆلۈنىدۇ.
چاقماق تېشى. چاقماق ياندۇرماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئېتىش قوراللىرىنىڭ مىشەككە تېگىپ ئوت ئالدۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قىسمى؛ تەپكە.
مىلتىقنىڭ چاقمىقى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
تۆت بۇرجەك، كۋادرات شەكىلدىكى، چاسا شەكىللىك.
چاقماق قەنت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قاتتىق نەرسىلەرنى سۇندۇرۇپ ئوششاقلىماق؛ پارچىلىماق، ئۇشتۇماق، سۇندۇرماق.
تاش چاقماق. ياڭاق چاقماق.
ئۇرۇپ، سۇندۇرۇپ بۇزماق، پاچاقلىماق.
دەرۋازىنى چاقماق. قۇلۇپنى چاقماق.
كۆچمە. مالنىڭ قىممىتىنى بەلگىلىك بىرلىككە سۇندۇرماق، سېلىشتۇرماق.
مالغا چاقساق ئون تەڭگىدىن قوي ئالسا، 160 نەچچە قوي كېلىدۇ.
چىشلەپ ياكى نەشتىرىنى سانجىپ ئاغرىتماق، زەھەر سالماق، زەھەرلىمەك (يىلان، چايان، ھەرە قاتارلىقلار ھەققىدە).
پاشا چاقماق. سېرىقئېشەك چاقماق.
ھەرىنىڭ چاققىنىغا چىدىغان ئادەم ھەسەل يەيدۇ (ماقال).
ئۆز تەسىرىگە ئالماق، تەسىر كۆرسەتمەك.
كېسەل چاقماق. ئاپتاپ چاقماق.
كۆچمە. باشقىلارغا بىراۋنىڭ يامان گېپىنى قىلماق؛ چېقىمچىلىق قىلماق.
بىراۋغا بىراۋنى چېقىش ياخشى ئادەت ئەمەس.
كۆچمە. باشقىلارنى ئۇرۇۋالماق، سوقۇۋالماق (گەپ بىلەن).
گەپتە چاقماق.
بىر - بىرىگە ئۇرۇپ، سۈركەپ ئوت چىقارماق، ياندۇرماق، ياقماق.
چېقىن چاقماق. سەرەڭگە چاقماق.
قاماشتۇرماق، خىرەلەشتۈرمەك (كۆز ھەققىدە).
كۆزنى چاقماق.
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، ئابدۇللا ساۋۇتنىڭ رومانى بولۇپ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1986 - يىل 10 - ئايدا نەشر قىلىنغان. روماندا 1920 - يىلدىن 1945 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدىكى نامرات دېھقانلار بىلەن فېئودال بەگ، باۋ جاڭ ۋە شەيخ - ئىشانلار ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن سىنپىي كۈرەش ئاساسىي تېما قىلىنغان. رومان نامرات بوزچى ھاشىم قارىقاشنىڭ قىزى جەمىلە بىلەن تىجارەتچى يىگىت مەخمۇتنىڭ بىر - بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ قېلىشى بىلەن باشلىنىدۇ. ھېيتەم، جامالىدىن موللا قاتارلىق نامرات دېھقانلار جەمىلە بىلەن ماخمۇتنىڭ ھايات ۋە مۇھەببەت سەرگۈزەشتىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا فېئودال بەگ، شەيخ - ئىشانلارنىڭ زۇلىمىغا قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرىدۇ. روماندا ئىككى خىل ئادەم، ئىككى خىل كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن قارىمۇقارشىلىقلار، ئەزگۈچىلەرنىڭ چىرىكلىكى، ھىيلە - مىكىرلىك قىلمىشلىرى، سۇيقەستلىرى پاش ۋە تەنقىد قىلىنغان؛ ھېيتەم، مەخمۇت، جامالىدىن موللا قاتارلىق باتۇر، ئەقىللىق نامرات دېھقانلارنىڭ ھەر قانداق زۇلۇم - زورلۇققا باش ئەگمەستىن، ئەركىنلىك ۋە ئازادلىق ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلىشتەك خاراكتېر - ئوبرازى گەۋدىلەنگەن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
چاقماق. چاقماقتەك تېز ھەم كۈچلۈك.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
چاقماقتەك تېز ھەم كۈچلۈك، جانلىق كىشى.