UyghurMain Dictionary
چىگىت چاقماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆچمە: ئىش _ ھەرىكەت كاشلىغا ئۇچرىماق، پېشكەللىك يۈز بەرمەك.
ئىش ماڭسا چېچەك چىقماي مۇشۇ پېتى، تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ ئاقىۋىتى. سېنىڭ ئىشىڭغا تۈك چىقىپ قاپتۇ. ئىشمىز بىر ئوبدان يۈرۈشۈپ كېتىۋاتاتتى، نېمە بولدى، توساتتىن چىگىت چېقىپ قالدى. پىستان چاقمىسىلا، ئىشىمىز قەرەلىدە پۈتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بىرەر ئىش بېجىرىلىش جەريانىدا توسالغۇغا، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىماق، مەسىلە كۆرۈلمەك، چاتاق چىقماق: ئىشمىز بىر ئوبدان يۈرۈشۈپ كېتىۋاتاتتى. نېمە بولدى، توساتتىن چىگىت چېقىپ قالدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش بېجىرىلىش جەريانىدا توسالغۇغا، ئۇڭۇشسىزلىققا ئۇچرىماق، مەسىلە كۆرۈلمەك.
مېنىڭ بۇ ئىشىم چىگىت چېقىپ قالدى.