UyghurMain Dictionary
ئەجدىھا ئۇسسۇلى
ئۇسسۇل
ئەجدىھا قەدىمكى جۇڭگودا كىشىلەر چوقۇنىدىغان بىر خىل ئىلاھىي مەخلۇق. ئۇ سىرلىق ۋە سۈرلۈك، شامال چىقىرىش، يامغۇر ياغدۇرۇش ئارقىلىق زىرائەتلەرنىڭ ئاينىشىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ. كىشىلەر »ئەجدىھا« نى ئىلاھ دەپ قارىغان. ھەر قېتىم يامغۇر تىلىگەندە ئەجدىھانى دوراپ ئۇسسۇل ئوينىغان. يىللار ئۆتكەنسېرى بۇ خىل مۇراسىم ئۇسسۇل سەنئىتى ۋە كۆڭۈل ئېچىش شەكلىگە ئايلانغان. پۈتكۈل مەملىكەتكە تارقالغان خەلق ئۇسسۇلى − «ئەجدىھا ئۇسسۇلى» ئەنە شۇ تەرزدە بارلىققا كەلگەن. بۇ ئۇسسۇل بۇنىڭدىن1800 نەچچە يىل بۇرۇنقى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىلا خېلى مۇكەممەل ئۇسسۇل شەكلىگە كىرگەن.
بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەرگە «ئەجدىھا ئۇسسۇلى» نىڭ يېڭى مەنىسى سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى. ئۇسسۇل جابدۇقى − «ئەجدىھا» ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئۇسسۇل ئويناش قىياپىتىدە تېخىمۇ ئۇزۇن سەپ بارلىققا كەلدى. ئادەمنىڭ ھېسسىياتى بىلەن ئەجدىھانىڭ ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشى، ئاسمان - زېمىننى لەرزىگە سالغۇدەك غەيرەت - شىجائىتى زىچ بىرلىشىپ جۇڭگو خەلقىنىڭ باتۇر، ئۇلۇغۋار خاراكتېرى ۋە جەسۇر قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ شاد - خۇراملىققا چۆمگەن قىزغىن كەيپىياتىنى ئىپادىلەيدىغان بولدى. »ئەجدىھا ئۇسسۇلى« نۇرغۇن تەنتەنىلىك كۈنلەر، جۈملىدىن چاغان، دۆلەت بايرىمى، يۈەنشياۋ بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى قاتارلىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇن تۈرىگە كىردى.
«ئەجدىھا ئۇسسۇلى» نىڭ شەكلى خىلمۇخىل. جېجياڭ ئۆلكىسىدىلا ئۇنىڭ نۇرغۇن تۈرى ساقلانماقتا. ئالايلۇق، «رەخت ئەجدىھا» جانلىق، تېتىك، ھەرىكەتكە باي، تېخنىكىلىقى يۇقىرى، ھەرىكىتى تېز بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. بۇ خىل ئۇسسۇل يۇقىرى كەيپىيات ۋە تېز سۈرئەت بىلەن ئوينالسا ئاسمان - زېمىننى لەرزىگە سالغۇدەك غەيرەت - شىجائەت پەيدا قىلىدۇ. ئۇسسۇل ھەرىكىتىنىڭ تۈرى يۆگىمەچ ئەجدىھا، ئوڭدا ياتقان ئەجدىھا، بەدەن قاشلىغان ئەجدىھا، ئەجدىھا بېشىنى تۇتالماسلىق قاتارلىق20 نەچچە خىلغا يېتىدۇ.
«قەغەز ئەجدىھا» خەتنى ئەپچىللىك بىلەن ئۆزگەرتىشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. بۇنىڭدا ئەجدىھانىڭ بەدىنى بامبۇك چىۋىقلار بىلەن دۈگىلەك شەكىلدە ياسىلىدۇ، تېشىغا قەغەز ياكى نېپىز داكا چاپلىنىپ، ئىچىگە شام يېقىپ قويۇلىدۇ. ئەجدىھانىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالەتتە بولىدۇ، تۇتاشتۇرۇلمايدۇ. ئۇسسۇلچىلار ھەرقايسى بۆلەكلەرنى كۆتۈرۈپ ئەركىن ھەرىكەت قىلىدۇ. گەرچە ئۇ نەچچە بۆلەككە بۆلۈنگەن بولسىمۇ، ئىچىگە شام يېقىلغانلىقتىن كېچە قاراڭغۇلۇقىدا تاماشىبىنلارغا تۇتاشتەك تەسىر بېرىدۇ. ئورۇندىلىش جەريانىدا ھەرقايسى بۆلەكلەر ئەپچىللىك بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ خىلمۇخىل خەت شەكىللىرى چىقىرىلىدۇ. ئاشۇ تەرزدە گاھ ئەجدىھا، گاھ خەت پەيدا بولۇپ، تولىمۇ ئاجايىپ كۆرۈنۈشلەرنى نامايان قىلىدۇ.
«بەندىڭ ئەجدىھا» نىڭ بەدىنى ئۇزۇنلۇقى ئىككى - ئۈچ مېتىر قېلىن تاختايدىن ياسىلىدۇ، سىرتى خىلمۇخىل قەغەز شامدانلار بىلەن زىننەتلىنىدۇ. ئۇسسۇلچىلار ئۇنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ. ئەجدىھا بەدىنىنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرى تۇتاشتۇرۇلسا ئۇزۇنلۇقى500 مېتىرغا يېتىدۇ. بۇ خىل ئويۇننىڭ ئەڭ قىزىقارلىق يېرى، «يۈز ياپراقلىق ئەجدىھا» دۇر. ئۇنىڭدا نېلۇپەر گۈلىنىڭ ئەجدىھاغا ئۆزگىرىشى سۈرەتلەپ بېرىلىدۇ. ئويۇن باشلانغاندا شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان نېلۇپەر گۈللىرى، گۈللەر ئۈستىدە قانات قېقىۋاتقان رەڭگارەڭ كېپىنەكلەر نامايان بولىدۇ. شۇغىنىسى، يەر - زېمىننى قاپلىغان نېلۇپەر گۈللىرى ھەش - پەش دېگۈچە كۆككە چاپچىپ تۇرغان ھەيۋەتلىك ئەجدىھاغا ئايلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئەجدىھانىڭ بەدىنى چوڭ نېلۇپەر گۈللىرىدىن تۇتاشتۇرۇلىدۇ، ھەربىر نېلۇپەر گۈلى توققۇز قەۋەت گۈل بەرگىدىن قاتلىنىپ ياسىلىدۇ، ئەجدىھانىڭ قۇيرۇقىغا كېپىنەك گۈللۈك پانۇس بېكىتىلىدۇ. ئۇلار تۇتاشتۇرۇلغان ھامان كۆز ئالدىمىزدا ئەجدىھا پەيدا بولىدۇ.