UyghurMain Dictionary
گائاگا ئەھدىنامىسى
دۇنيا تارىخى
<گائاگا قائىدە نىزامى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، 1899، 1907 ـ يىللىرىدىكى ئىككى قېتىملىق گائاگايىغىنىدا ماقۇللانغان. 31ەھدىنامە ۋە بەزى باياناتلارنىڭ ئومومىي نامى. خەلقئارا قائىدە بويىچە تىزىلغان تەرتىپتىكى 31ەھدىنامە مۇنۇلار: (1) <خەلقئارا تالاش ـ تارتىشلارنى تىنىچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئەھدىنامىسى>؛ (2) <ئەسكىرىي كۈچ بىلەن قەرزنى قىستاشنى چەكلەش ئەھدىنامىسى>؛ (3) < ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشى توغرىسىدىكى ئەھدىنامە>؛ (4) <قۇرۇقلۇقتىكى ئۇرۇش قائىدە - نىزامى ۋە ئادەت قائىدىسى ئەھدىنامىسى>؛ (5) <قۇرۇقلۇقتىكى ئۇرۇش ۋاقتىدىكى بىتەرەپ دۆلەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ خەلىقنىڭ ھوقوق - مەجبۇرىيىتى ئەھدىنامىسى>؛ (6) <ئۇرۇش باشلانغان چاغدىكى دۈشمەن سودا پاراخوتلىرىنىڭ ئورنى توغرىسىدىكى ئەھدىنامە>؛ (7) <سودا پاراخوتلىرىنى ئۇرۇش پاراخوتىغا ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى ئەھدىنامە>؛ (8) <ئاپتوماتىك سومىنالىرىنى ئورنىتىش ئەھدىنامىسى>؛ (9) <ئۇرۇش ۋاقتىدا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ توپقا تۇتۇش ئەھدىنامىسى>؛ (10) <جەنۋە ئەھدىنامىسى پىرىنسىپلىرىنىڭ دېڭىز ئۇرۇشىغا مۇۋاپىق كېلىش ئەھدىنامىسى>؛ (11) <دېڭىز ئۇرۇشى ۋاقتىدا قولغا چۈشۈرۈش ھوقوقىنى چەكلەش ئەھدىنامىسى>؛ (12) <قولغا چۈشۈرۈلگەن نەرسىلەر خەلقئارا سوتى قۇرۇش توغرىسىدىكى ئەھدىنامە>؛ (13) <دېڭىز ئۇرۇشى ۋاقتىدىكى بىتەرەپ دۆلەتلەرنىڭ ھوقوق - مەجبۇرىيىتى ئەھدىنامىسى>. يۇقۇرىدىكى ئەھدىنامىلەر (12 - سىدىن باشقىسى) مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ، تا ھازىرغىچە ئەمەل قىلىنىۋاتىدۇ.