UyghurMain Dictionary
ھاۋانا ئەھدىنامىسى
دۇنيا تارىخى
تولۇق ئاتىلىشى <ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىشىش توغرىسىدىكى خىتابنامىسى>. 1940-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ھاۋانادا ئىمزالىغان. فرانسىيە مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن، 1940-يىل 7-ئاينىڭ 21 - 30-كۈنلىرى ھاۋانادا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق مەسلىھەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا يۇقىرىدا ئېيتىلغان خىتابنامە ماقۇللىنىپ، ئەگەر غەيرىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى بىرەر دۆلەت ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەنرىڭ زېمىن، ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز يەتكۈزگەندە ياكى تاجاۋۇز قىلىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ دەپ ئىشەنگەندە، خىتابنامىگە ئىمزا قويغان دۆلەتلەر دەرھال كېڭىشىپ، مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش توغرىسىدا تېگىشلىك كېلىشىم تۈزۈشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. خىتابنامە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ فاشىست گېرمانىيىسىنىڭ غەربىي يېرىم شارغا كېڭىيىپ كىرىشىگە ئورتاق قارشى تۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىگە سىڭىپ كىرىشىنىمۇ كۈچەيتكەن.