UyghurMain Dictionary
شەرق ئەھدىنامىسى
دۇنيا تارىخى
<شەرق لوكارنو ئەھدىنامىسى> مۇ دېيىلىدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى چېخوسلوۋاكىيە، پولشا، فىنلاندىيە، لاتۋىيە، ئېستونىيە، لېتۋالار بىلەن ئىمزالاشقا تەييارلىغان، گېرمانىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇشتا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش شەرتنامىسىنىڭ لايىھىسى. 1933 - يىلى گىتلېر گېرمانىيىسى باش كۆتۈرگەندىن كېيىن، سوېت ئىتتىپاقى بىلەن فرانسىيە فاشىستلارنىڭ تاجاۋۇزىغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ياۋرۇپادىكى مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدىن كوللىكتىپ مۇداپىئەلىنىدىغان ۋە ئۇنىڭغا قايتۇرما زەربە بېرىدىغان رايون خاراكتىرلىك ھەمكارلىق شەرتنامىسى ئىمزالاشنى، بۇنى، 1925 - يىلىدىكى <لوكارنو ئەھدىنامىسى>نىڭ تولۇقلىمىسى قىلىشنى ئاكتىپ تەشەببۇس قىلغان. بۇنىڭدا، ئەھدىنامە تۈزۈشكەن ھەرقانداق بىر دۆلەت ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا، ئەھدىنامە تۈزۈشكە قاتناشقان باشقا دۆلەتلەر بۇ دۆلەتكە ھەربىي ياردەم بېرىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. فرانسىيە شەرتنامە تۈزۈشكە بىۋاستە قاتناشمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ شەرتنامىنى ئادا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلغان. 1934 - يىلى 6 - ئايدا، سوۋېت بىلەن فرانسىيە شەرق ئەھدىنامىسىنىڭ لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئۆزئارا بىر سىستېمىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئىككى تۈرلۈك ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىنى، يەنى سوۋېت، گېرمانىيە، پولشا، چېخوسلوۋاكىيە، فىنلاندىيە، ئېستونىيە، لېتۋا، لاتۋىيىلەرنىڭ ئۆزئارا ياردەملىشىش ئەھدىنامىسىنى ئىمزالاشنى ئوتتۇرغا قويغان. گېرمانىيە بۇ لايىھىگە قارشى تۇرغان، پولشامۇ قاتنىشىشتىن باش تارتقان.رايون خاراكتېرلىك كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىشىش شەرتنامىسىنى ئىمزالاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەسكە توختىغانلىقتىن، سوۋېت ئىتتىپاقى 1935 - يىلى 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى فرانسىيە بىلەن ئايرىم ھالدا ئۆزئارا ياردەملىشىش ئەھدىنامىسى ئىمزالاشنى تەكلىپ قىلغان.5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى <سوۋېت - فرانسىيە ئۆزئارا ياردەملىشىش شەرتنامىسى> ئىمزالىغان. 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى يەنە چېخوسلوۋاكىيە بىلەن <سوۋېت - چېخوسلوۋاكىيە ئۆزئارا ياردەملىشىش شەرتنامىسى> ئىمزالىغان.