UyghurMain Dictionary
گائاگا شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىيە بىلەن گوللاندىيە بىر تەرەپ، پرۇسسىيە يەنە بىر تەرەپ بولۇپ 1794 - يىلى 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى گائاگادا ئىمزالىغان فرانسىيىگە قارشى شەرتنامە. ئۇنىڭدا پرۇسسىيەنىڭ 64 مىڭ ئەسكىرىنى بىلگىيىگە ئەۋەتىپ فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشى بەلگىلەنگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەنگلىيە بىلەن گوللاندىيەنىڭ پرۇسسىيىگە بىرىدىغان ئىقتىسادىي ياردىمىنىڭ سانى بەلگىلەنگەن. لېكىن كېيىن پرۇسسىيە ئۆز مەجبورىيىتىنى ئادا قىلمىغان، ئاۋسترىيە قوشۇنلىرى بېلگىيىدە فرانسىيە قوشۇنى تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى 1794 - يىلى كۈزدە بۇ شەرتنامىنى بىكار قىلغان.