UyghurMain Dictionary
گاستېين شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
پرۇسسىيە بىلەن ئاۋسترىيە دانىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن شىلىزۋىگ ھولشتېيننى تەسىر دائىرىسى قىلىپ بۆلۈۋېلىش ئۈچۈن ئىمزالىغان شەرتنامە. 1865 - يىل 8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى گاستېين (ھازىر ئاۋسترىيىنىڭ چېگرىسى ئىچىدە) دا ئىمزالانغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. شەرتنامىگە ئاساسەن، شىلىزۋىگ - ھولشتېيندىن ئىبارەت ئىككى كىنەزلىكنىڭ زېمىن ئىگىدارلىق ھوقۇقى پرۇسسىيە بىلەن ئاۋسترىيىنىڭ قولىدا بولغان؛ شىلىزۋىگنى پرۇسسىيە، ھولشتېيننى ئاۋسترىيە باشقۇرغان؛ پرۇسسىيە 2 مىليون 500 مىڭ تالېر تۆلەپ، روئېنبۇرگقا ئىگە بولغان. جۇغراپىيىلىك ئورۇن جەھەتتە، ئاۋسترىيە بىلەن ئۇنىڭغا تەۋە بولغان رايونلار ئوتتۇرىسىدا پرۇسسىيە قاتارلىق فېدېراتسىيىلەر بولغانلىقتىن، باشقۇرۇشقا قولايسىز بولغان، ئۇنىڭ ئۈسىتگە، پرۇسسىيەنىڭ شىلىزۋىگتىكى قوشۇنىمۇ ئاۋسترىيىگە قاراشلىق رايونلاردىن ئۆتىدىغان بولغانلىقتىن، بەزىدە سۈركىلىش بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ رايوندىكى تالاش - تارتىشى بېسىقماي، ئاخىرى پرۇسسىيە - ئاۋسترىيە ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىغا ئېلىپ بارغان. ئاۋسترىيە سىياسىئونلىرى بۇ شەرتنامىنى <يەشكىلى بولمايدىغان تېپىشماق> دەپ ئاتىغان.