UyghurMain Dictionary
چېن جيەندىڭ
دۇنيا تارىخى
(؟ - 1409) ۋېيتنامنىڭ كيىنىكى چىن سۇلالىسى (1407 - 1413) نىڭ پادىشاھى. ئىسمى ۋىي.چىن يىزۇڭنىڭ ئىككىنچى ئوغلى. 1407 - يىلى مىڭ سۇلالىسى قوشۇنى ۋيېتنامنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن قوشۇن تارتىپ چىقىپ، پادىشاھلىققا كۆتۈرۈلگەن. ئۆزىنى جيەندىڭ خان، يىلنامىنى شىڭچىڭ دەپ ئاتىغان. 1408 - يىلى بۇگۇ (ھازىرقى نامدىن ئۆلكىسى فىڭيىڭ ناھىيىسىدىكى لىگۇشى) دا مىڭ سۇلالىسى قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، ۋەزىيەتنى ئوڭشىغان. كېيىن ھەسەتخورلۇق قىلىپ، سەركەردە دېڭ شىنى ئۆلتۈرۈپ، بۆلۈنۈشنى كەلتۈرۈپچىقارغان. 1409 - يىلى دېڭ شىنىڭ ئوغلى دېڭ رۇڭ قاتارلىقلار قوشۇنىنى باشلاپ چېن جىكۇنى پادىشاھ قىلغان. چېن جىكۇ چېن جيەندىڭنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇنى ھۆرمەتلەپ شاھىنشاھ قىلىپ، مىڭ سۇلالىسىگە بىرلىكتە قارشى تۇرغان. شۇ يىلى 7 - ئايدا مىڭ سۇلالىسىنىڭ سەركەردىسى جاڭ فۇ چېن جيەندىڭنى ئەسىرگە ئېلىپ، مىڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى جىنلىڭ (ھازىرقى نەنجىڭ) گە يالاپ ئاپىرىپ ئۆلتۈرگەن.