UyghurMain Dictionary
چېمبېرلېن
دۇنيا تارىخى
جوسېف چېمبېرلېن (1836 - 1914). ئەنگلاىيىنىڭ مۇستەملىكە ئىشلىرى ۋەزىرى (1895 - 1903). بىر مېنھام شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى بولغان. 1876-يىلى تۆۋەن پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. دەسلەپتە لىبېراللار پارتىيىسىنىڭ رادىكالى، كېيىن مۇتەەئسسىپلەر پارتىيىسىنىڭ ئوڭ قانىتى بولغان. 1880 - 1885 - يىللىرى سودا ۋەزىرى بولغان. مۇستەملىكە ئىشلىرى ۋەزىرى بولۇپ تۇرغاندا كېڭەيمىىچلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، دومىنىئونلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنغان. قوغدىنىش چېگرا بېجى سىياسىتىنى تەرغىپ قىلىپ، ئىمپېرىيىدە ئىمتىيازلىق تۈزۈمى يولغا قويۇشنى تەشببۇس قىلغان. 1906-يىلىدىن باشلاپ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، سىياسىي تەسىرى پەيدىنپەي ئاجىزلاشقان. (2) ئوستىن چېمبېرلېن (1836 - 1937) ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1924 - 1929). جوسېف چېمبېرلىننىڭ ئوغلى. ئارتور نېۋىل چېمبرلېننىڭ ئانا بۆلەك ئاكىسى. ئۇ 1892-يىلى تۆۋەن پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. پوچتا ئىشلىرى ۋەزىرى، مالىيە ۋەزىرى ھىندىستان ئىشلىرى ۋەزىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1921 - 1922 - يىللىرى تۆۋەن پالاتادىكى مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسىنىڭ داھىيىسى بولغان. تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولۇپ تۇرغاندا، فرانسىيە ۋە گېرمانىيىنىڭ شەرققە قول سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان <لوكارنو ئەھدىامىسى> نى ئىمزالىغانلىقىنى قوللىغان. <بىزنىڭ دەۋرىمىزدىكى تىنچلىق> دېگەن ئەسىرى بار. (3) ئارتور نېۋىل چېمبېرلېن (1869 - 1940). ئەنگلىيە باش ۋەزىرى (1937 - 1940). مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسىنىڭ داھىيسى. جوسېف چېمبېرلېننىڭ ئوغلى، ئوستىن چېمبېرلېننىڭ ئانا بۆلەك ئىنىسى. ياش ۋاقتىدا بىر مېنھامدا سودىگەرچىلىك قىلغان. 1915-يىلى بىرمېنھام شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى بولغان. 1918-يىلى تۆۋەن پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. 1922-يىلىدىن باشلاپ پوچتا ئىشلىرى ۋەزىرى، سەھىيە ۋەزىرى، مالىيە ۋەزىرى بولغان. باش ۋەزىر بولۇپ تۇرغاندا گېرمانىيە، ئىتالىيە فاشىستلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا يول قويىدىغان <تىنچلاندۇرۇش سىياسىتى> نى پۈرگۈزگەن. 1938-يىلى موسسولىنى ئىتالىيىنىڭ ئېفىئوپىيىنى بېسىۋالغانلىقىنى ئېتىرپ قىلغان، گىتېر گېرمانىيىنىڭ ئاۋسترىيىنى يۇتۇۋالغانلىقىغا سۈكۈت قىلغان ھەمدە گېرمانىيە بىلەن <ميۇنخېن كېلىشىمى> نى ئىمزالاپ، چېخوسلوۋاكىيىنى ساتقان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلىغاندا ئەنگلىيە ئۇرۇشقا قاتنىشىشقا مەجبۇر بولۇپ، تىنچلاندۇرۇش سىياسىتى بەرپا بولغان. چېمبېرلېن 1940-يىلى تەختتىن چۈشكەن. <نۇتۇقلار توپلىمى: تىنچلىق ئۈچۈن كۈرەش> دېگەن ئەسىرى بار.