UyghurMain Dictionary
چېن گۇجۈن
دۇنيا تارىخى
(1213 - 1300) چېن جۈن ياكى چېن شىڭداۋ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ۋيېتنام لى سۇلالىسىنىڭ سەركەردىسى، ھەربىي ئالىم. چېن سۇلالىسى پادىشاھ جەمەتىدىن. ئۇنىڭغا تەخت ۋارىسى نائىبى، ھۆرمەتلىك ئۇستاز، بەگ، شىمالنى تىنچىتقۇچى قوماندان، شىڭداۋ خانى قاتارلىق ئۇنۋان - مەنسەپلەر مۆھۈرلەپ بېرىلگەن. 1257، 1285، 1287 - 1288 - يىللىرى موڭغۇللار ۋە يۈەن سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمىنى ئۈچ قېتىم چېكىندۈرگەن. <ھەربىي ئالىم مياۋلى ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھ>، <ھەربي نامە ئۈستىدە قىسقىچە چۈشەنچە>، <ۋەن جيزوڭنىڭ مەخپىي تەرجىمىھالى> قاتارلىق ھەربىي كىتابلىرى ۋە <ئوفىتسېر ۋە ئەسكەرلەرگە يارلىق> دېگەن خەنزۇچە ئەسىرى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا قېپقالغان.