UyghurMain Dictionary
چېننائۇلت
دۇنيا تارىخى
(1890 - 1958) ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك گېنېرال پولكوۋنىكى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ۋە ھاۋا ئارمىيىسىگە قاتناشقان. 1937-يىلى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن، شۇ يىلى جۇڭگوغا كېلىپ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئاۋىئاتسىيە كومىتېتىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. 1941-يىلى ئامېرىكا پىدائىيلار ئاۋىئاتسىيە ئەترىتى (<ئۇچار يولۋاس ئەترىتى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى تەشكىل قىلغان. 1942-يىلى ئامرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ھاۋا ئارمىيىسىگە رەھبەرلىك قىلىپ، پىدائىيلار ئەترىتىنى ئامېرىكا 14-ئاۋىئاتسىيە ئەترىتى قىلىپ قۇرۇپ، ئەترەت باشلىقى (گېنېرال مايور) بولغان. 1946-يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۈچۈن <خەلق ئاۋىئاتسىيە شىركىتى> نى تەشكىللەپ بەرگەن، ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ شىركەتنى <مەمۇرىي پالاتا قۇتقۇزۇش باش مەھكىمىسى ھاۋا قاتناش چوڭ ئەترىتى> قىلىپ ئۆزگەرتكەن. جياڭ جيېشى ئارمىيىسىنىڭ ئاۋىئاتسىيە ترانسپورتى، رازۋېتا قىىش ۋە ئازاد رايونلارنى بومباردىمان قىلىشىغا ياردەملەشكەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، شياڭگاڭدا جۇڭگونىڭ ئىككى ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ مال- مۈلكىنى ئىگىلىۋالغان.