Uyghur主要词典
زەبۇر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
دىنىي كىتاب، داۋۇت پەيغەمبەرنىڭ كىتابى:
ئىشتكەن زەمان ئول ئىنسۇ جان، داۋۇد زەبۇرىدىن ھەمان،
بېھۇش يىقىلىمىش ھەر زەمان مۇرغى ھەۋالار بىرلە زاغ.
شەۋقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئەۋەتىلگەن كىتاب. مەدھىيە داستانى؛ مەدھىيە (شېئىر)، مۇقەددەس ناخشا، مۇناجات؛ خەت. كاتولىكلارنىڭ دىنىي كىتابى، ئاللاتائاللادىن داۋۇد پەيغەمبەرگە.
بىئولوگىيە
بۇ ئەرەبچە سۆز ئىبرانىي يېزىقىدىكى <زىمراھ> دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، مەنىسى <مۇقەددەس شېئىر> ياكى <قەسىدە> دېگەنلىك بولىدۇ. <قۇرئان كەرىم> دە <داۋىد داستانى> (يەنى <ئىنجىلدىكى داستان>) شۇنداق دەپ ئاتىلىدۇ. <زەبۇر> دېگەن سۆز <قۇرئان كەرىم> دە ئۈچ قېتىم تىلغا ئېلىنىدۇ (مەسىلەن، 4 - سۈرىنىڭ 163 - ئايىتىدە؛ 17 - سۈرىنىڭ 55 - ئايىتىدە؛ 21 - سۈرىنىڭ 150 - ئايىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ). ئۇ <تەۋرات>، <ئىنجىل> ۋە <قۇرئان كەرىم> بىلەن بىر قاتاردا ئىسلام دىنى ئېتىراپ قىلىدىغان تۆت ساماۋى كىتابنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا <قۇرئان كەرىم> دە يەھۇدىيلار <ئەھلى كىتاب> دېيىلىدۇ. ئىسلام دىنى گۈللىنىشتىن ئىلگىرى يەھۇدىي دىنى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ھىجاز، يەمەن قاتارلىق جايلاردا كەڭ تارقالدى، باشقا رىۋايەتلەردىكى شەخسلەرگە ئوخشاش داۋىد توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرمۇ كۆپ ئىلاھقا ۋە بۇتلارغا چوقۇنىدىغان ئەرەبلەرگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتتى. ئىسلام دىنىنىڭ قارىشىچە، <زەبۇر> داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان. داۋۇد ئەلەيھىسسالام توغرىسىدىكى <قۇرئان كەرىم> دىكى قىسسەلەر بىلەن <ئىنجىل كونا ئەھد> دىكى قىسسەلەرنىڭ مەزمۇنى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. تارىختا مۇفەسسىرلەر <زەبۇر> ئاتالغۇسىنى ھەرخىل مەنىدە چۈشەندۈردى. جالالىدىن سۇيۇتى <زەبۇر> نى <قۇرئان كەرىم> گە قويغان 55 خىل ئىسىمنىڭ بىرى قىلغان.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئەرەبچە <زەبۇر> دېگەن بۇ سۆز ئەسلىي ئىبرانىي يېزىقىدىكى <زىمراھ> دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، <مۇقەددەس شېئىر>، <قەسىدە> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. <قۇرئان كەرىم> دە <داۋىد داستانى> (<بىبلىيە داستانى> كۆزدە تۇتۇلىدۇ) <زەبۇر> دەپ ئاتالغنا. <زەبۇر>، <تەۋرات>، <ئىنجىل> ۋە <قۇرئان كەرىم> بىلەن بىر قاتاردا ئىسلام دىنى ئېتىراپ قىلغان تۆت ساماۋى كىتابنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىن
<ئاللا تەرىپىدىن داۋۇت پەيغەمبەرگە ئەۋەتىلگەن> دەپ تونۇلغان مۇقەددەس كىتاب.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا چۈشكەن مۇقەددەس كىتاب نامى