Uyghur主要词典
زەبەردەس
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسمانەن گەۋدىلىك ۋە كۈچلۈك.
«گوسمۇس» قەشقەر شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
«ئاپىتوللۇغ» خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
قاۋۇل ئالتە بالىنى ئىشچان ئانا باقار. بەرنا يىگىت - ئالتۇنغا بەرگۈسىز يىگىت. زەبەردەس بىر ئادەم ئىشك باقار ئىكەن. تەمبەل تەنگە باغلىق. گەۋرى بىلەن چېلىشما، بەگ بىلەن ئېلىشما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
سۈپ. جىسمانىي جەھەتتىن بەقۇۋۋەت؛ كۈچلۈك، چىڭ.
زەبەردەس يىگىت. زەبەردەس بالا.
رەۋ. مۇستەھكەم، مەغرۇر، تىك.
يىگىت زەبەردەس دەسسەپ ھېيتگاھقا كېلىپ توختىدى.
سۈپ. خەۋپ - خەتەر، قىيىنچىلىقلاردىن قورقمايدىغان؛ يۈرەكلىك، باتۇر، پالۋان، جەسۇر.
ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىكەن، بەزىسى زەبەردەس، ياۋۇز ھالەتتە ئىكەن.