Uyghur主要词典
زەبەردەست
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كۈچلۈك، پالۋان، زوراۋان.
قولى گۇل، ماھىر؛ ئىستېداتلىق، ئىقتىدارلىق:
ھەر كىمكى، ئالەمدە زەبەردەست ئەتتىڭ،
ئاخىر ئەجەل ئىلكىدە ئانى پەست ئەتتىڭ،
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
پىشقان، مەلىكىلىك، قولى ئەپچىل، ماھىر، قولىدىن ئىش كېلىدىغان؛ كۈچلۈك، قۇدرەتلىك؛ كەسپ ئەھلى، كۆچمە مەنىسى: باتۇر، پالۋان؛ تىك، قاتتىق.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۈچ - قۇۋۋىتى يېتەرلىك.
ئاجىز، زەئىپ، پۈۋ دېسە ئۇچۇپ كېتىدىغان
كۈچ - قۇۋۋىتى يېتەرسىز.
قاۋۇل ئالتە بالىنى ئىشچان ئاتا باقىدۇ. تەمبەل تەنگە باغلىق. تېمەن تېنىمەس. زەبەردەست يىگىت دۈشمەنگە تەسلىم بولمايدۇ. ئاجىز دۈشمەنمۇ يادىڭدا بولسۇن. كېسەل ئاجىزغا ئېجىل. قالىغاچ قارا نېمە، قاناتىدىن ئايرىلمىسۇن، قىز بالا ئاجىز نېمە، ئاناسىدىن ئايرىلمىسۇن. زەئىپ بولساڭمۇ رەزىل بولما. ئۇ پۈۋ دېسە ئۇچۇپ كېتىدىغان ئاجىز ئادەم.