Uyghur主要词典
زەبۇن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئاجىز، ناتىۋان، زەئىپ، كۈچسىز، بىچارە، ئېزىلگەن، خارلانغان:
مەغلۇپ، يېڭىلىش، يېڭىلگەن. ئەرزىمەس:
1. لەيلىنىڭ ھەلى زەبۇندۇر يار ئۈچۈن لەيلۇ نەھار،
ئەيلەگىل، يارەب، ماڭا مۇشكىلنى ئاسان بۇ كېچە.
ئا. نىزارى.
دوستلار فۇرقەت ئەزابى شىددەتىن ئەيلەي بەيان،
ئاھ، نېتەي مەن بەندەنى قىلدى زەبۇن ناھار ئىشىق.
موللا سالېھ.
2. مېنى قىلدى ئانداغ فراقى زەبۇن،
كېتىپ ھۇش - ئەقلىم كېلىپدۇر جۇنۇن.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كۈچسىز، زەئىپ، ناچار، ئاجىز، ناتىۋان؛ يېڭىلگەن، مەغلۇپ: زەبۇن بولماق - ئاجىز بولماق؛ مەغلۇپ بولماق، يېڭىلمەك؛ زەبۇنلۇق - ئاجىزلىق. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: ئىشقى ئارا رەسۋالىغىمدۇر تەلبە مەجنۇندىن زەبۇن، مەۋجى زىل بولدى كۆڭۈلدە ھەر نەپەس دەريايى خۇن. (زەلىلى)
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېتىبارسىز تاشلىنىپ قالغان.
ئۆزىنى بىلگەن خار ئەمەس. كىمنىڭ ئارزولۇقى كىمگە خار بولمىغان. خور بولغىچە، ئۆر بول. پۇلى بارلار ئۇ دۇنيادىمۇ ھەقىر بولماس. زەبۇنلۇق زار قاقشىتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
سۈپ. خاراب، ۋەيران؛ زەئىب، نىمجان.
زەبۇن بولماق.
پىراقىڭدا بولدى ھالىم زەبۇن، ئۆزۈم غەمناك، مالامەتتىمەن.
ئى. خېيىم - خەتەر، زىيان - زەخمەت؛ ئېغىرچىلىق، مۈشكۈللۈك.
زەبۇن كۆرمەك.