Uyghur主要词典
ئىۋرىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۈز - قولىنى يۇيۇش، تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن، مىس ياكى ساپال، سۇلياۋدىن ياسالغان، ئۇزۇن جۈمەكلىك چۆگۈن.
ئات كۆتۈر ئوبدان بىلەن، سۇ كۆتۈر ئاپتۇۋا بىلەن. قىر يىگىتنىڭ قولىغا ئىۋرىقتىن سۇ بەردى. مەسچىتتە ئابىدەستە بولۇشى لازىم.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئىۋرىق.
بۇ سۆز تەلەپپۇزدىمۇ، مەنىدىمۇ ئەرەپچە سۆزگە ئوخشاپ كېتىدۇ. پەقەت «ب _ b» ھەرپى تۈركچە «ۋ _ » غا ئالماشقان. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئىۋرىق باشى قازلايۇ
ساغراق تولۇ كۆزلەيۈ
ساقىنچ قۇزى كىزلەيۈ
تۈن كۈن بىلە سەۋنەلىم
«ئىۋرىق بېشى غاز (بوينى) غا ئوخشاپ (تۇرماقتا)،
ساغەر تولۇپ كۆزگە ئوخشاپ (تۇرماقتا)،
قايغۇنى چوڭقۇر كۆمۈۋېتىپ،
كېچە - كۈندۈز سۆيۈنەيلى.»
ئىۋرىقنىڭ بېشى خۇددى غاز بوينىدەك تىك تۇرماقتا، ساغەرلەر خۇددى كۆز چانىغاندەك مەيگە تولدى. قايغۇ - ھەسرەتنى چۆرۈۋېتىپ، كېچە - كۈندۈز كۆڭۈل ئاچايلى.
1 - 135
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1) مۇسۇلمانلار تەرەت ئالغاندا سۇ قاچىلايدىغان ئەسۋاب. (2) جۇڭگودا مۇسۇلمانلار ئولتۇراقلاشقان جايلاردىكى بەزى ئاشخانا ياكى يېمەكلىك دۇكانلىرنىڭ ئالدىغا ئىۋرىقنىڭ سۈرىتى ئېسىلىپ، مۇسۇلماننىڭ دۇكىنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ساپالدىن ئىشلەنگەن چۆگۈن.
بىر كۈنى ئۇ ئادەم مېنى قىچقىرىپ، سۇ ئەكەلگىن دەپ، جۇغىسى يوق بىر ئىۋرىقنى بەردى.