Uyghur主要词典
ئىۋاكورا تومومى
دۇنيا تارىخى
(1825 - 1883) ياپونىيىنىڭ مېيجى دەۋرىدىكى مۇھىم ۋەزىرى. كيۇتودىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ئاقسۆڭەك ئائىلسىدە تۇغۇلغان. تاكائائى تېننونىڭ ياساۋۇلى بولغان. ياش ۋاقتىدا ئوردىنىڭ نوپۇزىغا تايىنىپ توكۇگاۋا شوگونلۇقىنى ساقلاپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلغان. تېننونىڭ سىڭلىسى كازۇنومىيانى سىياگۇن توكۇگاۋا ئىموچىغا ياتلىق قىلىشقا قاتتىق كۈچ چىقارغان. كېيىن شوگناتنى ئاغدۇرۇپ يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلىپ، مونارخىيىلىك ھاكىمىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سىياسىي ئۆزگىرىشىنى پىلانلاشقا قاتناشقان. مېيجىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا كېڭەش يىغىنىغا قاتناشقۇچى، كېلىشىم ھاسىل قىلغۇچى، مۇئاۋىنلېدىر، ئوڭ قول ۋەزىر (1817 - 1883) قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. سانجو سانېتومى قاتارلىقلار بىلەن يېڭىلىققا كۆچۈش ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي ئەمەلدارى بولغان. 1871 - يىلى ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلغان. 1873 - يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىچكى جەھەتتىن ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشنى، ئەسكەر چىقىرىپ چاۋشيەنگە يۈرۈش قىلىشقا قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. تېننو تۈزۈمىدىكى ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئىكامىكى (1844 - 1895) نى <چوڭ پروگرامما> تۈزۈپ چىقىشقا تەيىنلەپ، پادىشاھ ھوزۇرىدا تۈزۈلىدىغان ئاساسىي قانۇننىڭ تۈرلۈك پرىنسىپلىرىنى بەلگىلىگەن ھەمدە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن دۆلەتلىك 15 بانكا تەسىس قىلغان، ياپونىيە تۆمۈر يول شىركىتى قاتارلىقلارنى قۇرغان.