Uyghur主要词典
ئىۋانوس
دۇنيا تارىخى
(1886 - 1928) رۇمىنىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسدە تۇغۇلغان. 1912 - يىلى رۇمىنىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىشچى - دېھقانلار ئارىسىدا ئىنقىلابنى تەشۋىق قىلغان. ئۇرۇشتىن كېيىن، كوممۇنىستىك گۇرۇپپىلارنى بىرلەشتۈرۈپ، رۇمىنىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە قاتنىشىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1921 - يىلى 5 - ئايدا رۇمىنىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىرىنچى قۇرۇلتىيىنىڭ ھارپىسىدا قولغا ئېلىنغان. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، رۇمىنىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋاقىتلىق رەھبەرلىك خىزمىتىگ قاتناشقان. 1922 - يىلى رۇمىنىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئىككىنچى قۇرۇلتىيىدا مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى بولغان. 1925 - 1928 - يىللىرى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىپ، قىيىن - قىستاققا ئېلىنغانلىقتىن سالامەتلىكى ناچارلىشىپ كەتكەن، كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ داۋالانغان، گېرمانىيىدە ۋاپات بولغان.