Uyghur主要词典
ئۇستاز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر كەسىپنىڭ ئاساسچىسى ۋە ماھىر ئۇستىسى.
پىرىگە بېقىپ مۇرىت، ساقالغا بېقىپ بۇرۇت. ئۇستازىڭ _ ئىككىنچى ئاتاڭ. كونىسىنى تەكرارلاش بىلەن يېڭىسىنى ئۆزلەشتۈرەلىگە ئادەم ئۇستاز بولالايدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىلىم - بىلىم، ھۈنەر - سەنئەت ئۆگەتكۈچى.
ئۇستاز سۆھبىتى ئوزۇقىدۇر. ئۇستازىغا قاراپ شاگىرتى. ھەر ئىشنىڭ ئۇستىسى بار، ھەر ئۇستىنىڭ ئۇستازى. ئۇستاد، مۇئەللىمسىز قالسا گەر زامان، نادانلىقتىن قاپقارا بولاتتى جاھان.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىلىم - بىلىم، ھۈنەر - سەنئەت... ئۆگەتكۈچى.
شاگىرت
ئىلىم - بىلىم، ھۈنەر - سەنئەت... ئۆگەنگۈچى.
ئۇستازىغا گۇڭگا بولسا، شاگىرتىغا قاراڭغۇ بولىدۇ. ئۇستازىڭ ئىككىنچى ئاتاڭ. ئۇستا كۆرمىگەن شاگىرت ھەر مۇقامغا يورغىلار. پەدەر ھايات بېرىدۇ، ئۇستاز نىجاد بېرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە<پارىسچە
كەسىپ، ھۈنەر، ئىلىم قاتارلىقلارنى ئۆگەنگۈچى؛ مۇئەللىم.
مەن ساۋاق ئالغان ۋاپادىن بۇ مۇھەببەت بابىدا، بىۋاپالىق رەسمىنى ئۇقتۇرمىغان ئۇستاز ماڭا.
يوليۇرۇق كۆرسەتكۈچى، تەربىيىلىگۈچى، يېتەكچى.
قىلدىم بۇ يەردە كۈرەش مۇنبىرى، >ئاقسۇ گېزىتى< مەخسۇس بېتىنى، >قاينام ئۆركىشى< دولقۇن ياسىدى، ئاڭلاپ نىمشېھىت ئۇستاز ئېتىنى.