Uyghur主要词典
ئۇسپېنىسكى
دۇنيا تارىخى
(1843 - 1902) روسىيىلىك يازغۇچى. كىچىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. پېتېربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇتقۇچى بولغان. 1862 - يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. ئۇنىڭ دەسلەپكى ئەسەرلىرى <ئۇنتۇلغان كوچا قائىدىلىرى>، <بەربات بولۇش> قاتارلىقلاردا يانچىلىق تۈزۈمى بىكار قىلىنغاندىن كېيىنكى روسىيە ئىشچىلىرى ۋ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ چار پادىشاھنىڭ تۈزۈمىگە قارىتا نارازىلىقى تەسۋىرلەنگەن. ئالاھىدە يېزىلغان <يېزا خاتىرىلىرىدىن پارچىلار>، <دېھقان ۋە دېھقان ئەمگىكى>، <يەر ھوقۇقى> قاتارلىق توپلاملىرىدا، يېزىلاردىكى كاپىتالىستىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە يېزا كوممۇنىسىنىڭ يىمىرىلگەنلكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، يازغۇچى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى نارودنىكلىق كۆز قارىشىدىن ۋاز كەچكەنلىكى ئىپادىلەنگەن. كېيىن ئۇ نېرۋا كېسىلى بولۇپ، يېزىشتىن توختاپ قالغان. ئۇنىڭ <قەد كۆتۈرۈش>، <كېسەللىك> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.