Uyghur主要词典
ئۇستا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھۈنەر - كەسىپنى پۇختا ئىگىلىگەن كىشى.
<باشى> خەنزۇچە: 把戏. ئەسلى <سېرىك>، <ھىيلە>، ئۇيغۇرچىدا مەنىسى ئۆزگەرگەن.
<سەلقىلىغ> خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
ئۇستا كۆرمىگەن شاگىرت ھەر مۇقامدا يورغىلار. تۆمۈرنى بولقا سوقماس، ئۇستا سوقار. ۋاقىتتىن پايدىلىنىشقا ماھىر كىشىنىڭ ۋاقتى مەڭگۈ كەڭتاشا. روزەك باشى راۋاپقا ئۇستا ئىدى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىلىم - بىلىم، ھۈنەر - سەنئەت... ئۆگەتكۈچى.
شاگىرت
ئىلىم - بىلىم، ھۈنەر - سەنئەت... ئۆگەنگۈچى.
ئۇستازىغا گۇڭگا بولسا، شاگىرتىغا قاراڭغۇ بولىدۇ. ئۇستازىڭ ئىككىنچى ئاتاڭ. ئۇستا كۆرمىگەن شاگىرت ھەر مۇقامغا يورغىلار. پەدەر ھايات بېرىدۇ، ئۇستاز نىجاد بېرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بىرەر كەسىپ، ھۈنەر بىلەن شۇغۇللانغۇچى مەلىكىلىك كىشى، ماھىر.
ئىش ئۇستىسىدىن قورقار (ماقال).
مەلۇم كەسىپ، ھۈنەرنى باشقىلارغا ئۆگىتىپ يېتىشرۈرگۈچى كىشى؛ ئۇستاز.
ئۇستا كۆرمىگەن شاگىرت ھەر مۇقامدا يورغىلار (ماقال).
كىشى ئىسىملىردىن كېيىن كېلىپ، شۇ كىشىنىڭ بىرەر ھۈنەر - كەسىپتە مۇتەخەسسىس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
سابىر ئۇستا چوڭ رېمونت گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ئىدى.