Uyghur主要词典
ئۇستا باردا قولۇڭنى تارت موللا باردا تىلىڭنى تارت
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
«ئۇستا باردا قولۇڭنى تارت، موللا باردا تىلىڭنى تارت»بۇ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا بىلەرمەنلىك، گەپدانلىق قىلىپ سۆزگە لوقما سالماسلىقىنى، بىراۋنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىپ ئۇستىلىق قىلماسلىقنى بىلدۈرىدۇ: ئۇ خېلىدىن بۇيان سۆزلىنىۋاتقان ھېكايىلەرنى ئىچىدە باشتىن - ئاياغ بىر قېتىم ئەسلەپ چىقتى - دە: - دەرھەقىقەت، ئاتا - بوۋىلار «ئۇستا باردا قولۇڭنى تارت، موللا باردا تىلىڭنى تارت» دەپتىكەن، مەن بۈگۈن نۇرغۇن بىلمىگە ئىگە بولدۇم، - دېدىم.