Uyghur主要词典
ئۇچۇر
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم، نەرسە ياكى ۋەقە _ ھادىسە توغرىسىدىكى مەلۇمات.
خەۋەر ھېچ ۋاقىت بولمايدۇ ئاياندەك، گۇمان يولىماس كۆڭۈلگە چىن راۋاندەك. ئادەمدە تەۋەززۇ ئەقىلدىن دېرەك، ئۇلۇغلۇق ھىممەتتىن تاپىدۇ بېزەك. ھازىرقى زامان ئۇچۇر زامانى، ئۇچۇر ئالماي ئىش قىلماق تەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئادەم ياكى شەيئىلەرنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەلۇمات، خەۋەر؛ دېرەك.
ئۇچۇر ئالماق. ئۇچۇر بەرمەك.
جاۋاب؛ جاۋاب خەت.
- ماقۇل، بۈگۈن ئوبدانراق ئويلاپ باقاي، ئەتە سىزگە ئۇچۇرىنى بېرىمەن، - دېدى خالمىرزاغىۋان پېشانىسىنى ئۇۋۇلاپ تۇرۇپ.
<فىز> شەرتلىك بەلگىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدىغان مەلۇمات.