ئۇچۇرماⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئەمدىلائۇچۇشقا باشلىغان، ئۇچۇش دەرىجىسىگە يەتكەن، ئۇچۇش ئىقتىدارى يېتىلگەن(ئۇچار قۇش ھەققىدە):[مىسال:] تېنىمگە جان، كۆزۈمگە نۇر، قولۇمغا شام-چىراغ بەردىڭ، ئۇچۇرما قۇش ئىدىم، سەندىن قاناتىم ئالدى قۇۋۋەتنى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ياتلىق بولۇش يېشىغا يەتكەن(قىزلار ھەققىدە):[مىسال:] ئۇچۇرما بولغان قىزلار خېلى كۆپ دېدى ئۇ ئارىدىكى جىمجتلىقنى بۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە قايسىسى ھېزىمگە باب كېلەركىن تاڭ[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەتراپقا تارالغان:[مىسال:] بۇ ئۇچۇرما گەپلەر پەرھادقا يېقىپ، كۆڭلىدە راھەتلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئاغزىدا تۈزۈت قىلدى.