ئۇچلىماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىر تەرىپىنى يونۇپ، قىرىپ ئىنچىكە، ئۆتكۈر قىلماق، ئۇچ چىقارماق:[مىسال:] چاققان قول ئابدۇللا روزى ياغاچ ئۇچلاپ، چوڭ خەت ئۈچۈن بىر تال ئەپچىل قەلەم تەييارلىدى.[يەشمىسى:] ② سوزماق، ئۇزارتماق:[مىسال:] قىز يىگىتنى تونۇغاندەك بولۇپ، تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ مەسخىرە بىلەن كۈلدى.[يەشمىسى:] ③ ئۇچ چىقارماق، ئۇلىماق:[مىسال:] چاپاننىڭ يېڭىنى ئۇچلىماق.[يەشمىسى:] ④ ئۇچ ھالىتىگە كەلتۈرمەك، ئۇچ قىلماق:[مىسال:] پاختىنى ئۇچلىماق.