Uyghur主要词典
ئۇچماق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
= ئوجماغ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
جەننەت، ئۇجماغ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قانات قېقىپ، ئاسماندا يۈرمەك، ئومۇمەن ھاۋادا يۈرمەك.
ئۇچۇشنى بىلىپ چۈشۈشنى بىلمەي قالما. بەزىلەر ئۇچۇپ كېتىۋاتقان سۆزنى تۇتۇۋالىدۇ. ئەتىيازنىڭ ناخشىسى كۈزدە پەرۋاز قىلار. قۇش بالىسى ئۇچسا، كۆكتە پەرۋاز قىلار.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
جەننەت، بېيىش.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۇجماق، جەننەت.
شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
تۈرلۈگ چەچەك يازىلدى
بارچىن يازىم كەرىلدى
ئۇچماق يەرى كۆرۈلدى
تۇملۇغ يەنە كەلگۈسۈز
{تۈرلۈك چېچەك يېزىلدى،
(گويا) كىمخاپ سېلىنچا سېلىندى،
جەننەت يېرى كۆرۈلدى،
قىش ئەمدى كەلمەسكە كەتتى.}
باھارنى تەرىپلەپ شۇنداق دېيىلىدۇ: تۈرلۈك گۈللەر ئېچىلدى، (يەر يۈزى) گويا يېپەك گىلەملەر سېلىنغاندەك بولدى؛ گويا جەننەت يېرى كۆرۈلدى، ھاۋا ئىسسىدى، سوغۇق بارسا كەلمەسكە كەتتى.
1 - 160
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئۇچۇش
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قانات ياكى باشقا ۋاسىتە بىلەن كۆككە ئۆرلىمەك، ھاۋادا ھەرىكەت قىلماق.
توخۇ ئۇچسا تامغا قونار، لاچىن ئۇچسا تاغقا قونار (ماقال).
ناھايىتى تېز يۈرمەك، چاپماق.
مەن قاتتىق ھودۇقۇش ئىچىدە تورمۇزنى قويۇۋېتىپ، ماينى باستىم. ماشىنام ئاتقان ئوقتەك ئۇچتى.
شامال قاتارلىق بىرەر كۈچنىڭ تەسىرىدە ھاۋادا ھەرىكەتلەنمەك، توزۇماق.
پاراسەتلىك قېرىلار، شوخ شامالغا چەش باسار؛ سامان ئۇچار بىر يانغا، سەردان دانلار تاغ ياسار.
ھاۋادا ئېتىلىپ كەلمەك.
ئوق ئادەملەرنىڭ بېشىدىن ۋىژىلداپ ئۇچۇۋاتاتتى.
سۇنۇپ، چېقىلىپ مەلۇم بىر قىسمى ئاجرىماق.
چىنىنىڭ گىرۋىكى ئۇچۇپ كەتتى.
ئېگىزدىن يىقىلماق، يېقىلىپ چۈشمەك.
ئەگەر گۈلچەرىخان بىلەن پاتەملەر ئۇنى قولتۇقلاپ تۇرمىسا، ئۇ ھازىرلا ئارقىسىغا ئۇچۇپ كېتىدىغاندەك تۇراتتى.
كۆچمە. ئىختىيارسىز بېرىلىپ، تەسىرلىنىپ مەغرۇرلانماق.
سىزمۇ ماختاپ قويسا ئۇچۇپ كېتىدىغان ئادەم ئىكەنسىز.
كۆچمە. ئۆزگەرمەك؛ بۇزۇلماق، يوقالماق (روھىي ھالەت، كەيپىيات قاتارلىقلار ھەققىدە).
بەگنىڭ كەيپى ئۇچتى ۋە ئۆز ئېتىنىڭ ئۆلۈكىنى ئولجا قىلىپ قايتىشتىن باشقا چارە بولمىدى.