Uyghur主要词典
ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
1936 - 1939 - يىللىرى ئىسپانىيە خەلقىنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭ ۋە چەت ئەلنىڭ قوراللىق مۇداخىلىسىگە قارشى مىللىي، دېموكراتىك ئىنقىلابىي ھەرىكىتى. 1936 - يىلى 2 - ئايدا ئىسپانىيە پارلامېتن سايلىمىدا خەلق سېپى يېڭىپ چىقىپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىپ، بىر قاتار ئىسلاھارلارنى ئېلىپ بارغان. پادىشاھپەرەسلەر، چوڭ پومېشچىكلار، كاپىتالىستلار، يۇقىرى دەرىجىلىك روھانىيلار، ئۇزۇن مىلتىقلىقلار پارتىيىسىنىڭ مۇرىتلىرى ۋە ئەكسىيەتچىل ئوفىتسېرلار توپىلاڭ قىلىش قەسىتدە بولغان. شۇ يىلى 7 - ئايدا ئالدى بىلەن فرانكو قاتارلىقلار ماراكەشتە تۇرۇشلۇق مۇداپىئە قوشۇنىدىن پايدىلىنىپ، توپىلاڭ كۆتۈرگەن ھەمدە توپىلاڭ تېزلىك بىلەن ھەممە يەرگە يامراپ كەتكەن. گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە فاشىستلىرى توپىلاڭغا پائال قاتنىشىپ، توپىلاڭچى قوشۇننى ماراكەشتىن ئىسپانىيىگە توشۇپ كېلىشكە ياردەملەشكەن، كېيىن يەنە مۇداخىلە قوشۇنى ( گېرمانىيە ئارمىيىسى تەخمىنەن 50 مىڭ كىشى، ئىتالىيە ئارمىيىسى تەخمىنەن 150 مىڭدىن كىشى) ئەۋەتىپ، ئىسپانىيىدە توپىلاڭچى قوشۇنغا ياردەم بەرگەن. خەلقئارا تەرەققىيپەرۋەر كۈچلەر ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن قوللاپ، خەلقئارا كالوننا تەشكىللەپ، ئىسپانىيە خەلقى بىلەن قول تۇتۇشۇپ كۈرەش قىلغان. ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە <ئارىلاشماسلىق سىياسىتى> نامى ئاستىدا، ئەمەلىيەتتە، ئىسپانىيە جۇمھۇرىيىتىنى قامال قىلغان. گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيە توپىلاڭچى قوشۇنغا دائىملىق تۈردە كۆپلەپ ياردەم بەرگەنلىكتىن، ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ پارتىيە، گۇرۇھلارنىڭ ئىختىلاپى بولۇپ، كۈچ ئاجىزلاپ كەتكەن، جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلغان، فرانكونىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى باشلانغان.