Uyghur主要词典
ئىسپانىيە شەھەر جامائەت قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
1520 - 1522 - يىللىرى ئىسپانىيەنىڭ كاستىلىيە دېگەن يېرىدىكى شەھەر جامائەلىرىنىڭ كورۇل كارلوس Ⅰ نىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش قوزغىلىڭى. 1520 - يىلى 6 - ئايدا قوزغىلاڭ پارتلىغان. 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تولېدو شەھىرى باشچىلىقىدىكى بەزى شەھەرلەر ھەربىي خاراكتىرلىك ئىتتىپاق - <مۇقەددەس يىغىن> ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ مەركىزىنى ئاۋىلا شەھىرىدە تەسىس قىلغان. قوزغىلاڭغا شەھەر ئاھالىلىرى، قول سانائەتچىلەر، دېھقانلار، ئاقسۆڭەك ۋە مىسسىئونېرلار قاتناشقان. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان پادىللا رەھبەرلىك قىلغان. قوزغىلاڭچىلار كارلوس Ⅰ (1519 - يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھلىقىغا سايلىنىپ، كارلوس Ⅴ دەپ ئاتالغان) نى ئىسپانىيىدە قېلىشنى، چەت ئەللىكلەرنىڭ ھۆكۈمەت ۋە چېركاۋلاردا ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپىلەرنى بىكار قىلىشنى؛ پارلامېنتنىڭ ھوقۇقى ۋە شەھەرلەرنىڭ مۇختارىيەتلىك ھوقۇقىنى كېڭەيتىشنى؛ ئالتۇن - كۈمۈشلەرنى سىرتقا چىقىرىشنى مەنئى قىلىشنى تەلەپ قىلغان. قوزغىلاڭ كاستىلىيىنى قاپلاپ كەتكەن. كېيىن قوزغىلاڭ بارغانسېرى دېموكراتىيە خاراكتىرىنى ئالغانلىقتىن، ئاقسۆڭەكلەر يەنىلا كورۇل تەرەپكە ئۆتۈۋېلىپ، قوزغىلاڭنى بىللە باستۇرغان. 1521 - يىلى 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ۋىللالار ئۇرۇشىدا قوزغىلاڭچىلار يېڭىلىپ، پادىللا ئەسىرگە چۈشۈپ قۇربان بولغان. ئۇنىڭ ئايالى مارىيە پاچېكو (؟ - 1531) تولېدو شەھىرىنى شۇ يىلى 10 - ئاينىڭ 25 - گىچە ساقلىغان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولۇپ، ھەرقايسى شەھەرلەر بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئەركىنلىك كورۇل تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان