Uyghur主要词典
ئىسپانىيە سوتسىيالىست لېبورىستلار پارتىيىسى
领域: دۇنيا تارىخى1879 - يىلى بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال ئىسپانىيە ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى مادرىدتا قۇرۇغان. 1881 - يىلدىن بۇرۇن قانۇنسىز ئۇرۇندا تۇرغان. 1886 - يىلى ئورگان ژۇرنىلى - <سوتسىيالىستلار> نى نەشىر قىلغان. 1888 - يىلى تۇنجى قۇرۇلتىيىنى چاقىرىپ، پارتىيە پروگراممىسىنى ماقۇللاپ، ھاكىمىيەتنى ئەمگەكچىلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوبوروت ۋاسىتىلىرىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1921 - يىلى ئىچكى قىسمىدا بۆلۈنۈش بولغان. 1923 - يىلىدىن كېيىن پرىمودې رىۋېرا مۇستەبىت ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشقان. دې رىۋېرا ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن بۇ پارتىيە جۇمھۇرىيەتچىلەر تەرەپتە تۇرۇپ، پادىشاھلىق تۈزۈمنى ئاغدۇرۇش كۈرىشىگە قاتناشقان. 1936 - 1939 - يىللىرى ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە، خەلق سېپىگە قاتناشقان. ۋەكىللىرى - لارگو كاباللېرو (1869 - 1946) ۋە نېگرىن (1894 - 1956)ئىلگىرى - كېيىن خەلق سېپى ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى بولغان. 1939 - يىلى 3 - ئايدا مەزكۇر پارتىيىنىڭ ئوڭ قانات باشلىقلىرى خەلق سېپى ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇشقا ھەمدە جۇمھۇرىيەتنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا ۋاسىتىلىك سەۋەبچى بولغان سىياسىي ئۆزگىرىشكە قاتناشقان. فرانكو مۇستەبتى ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن پائالىيىتى مەنئى قىلىنغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。