Uyghur主要词典
ئىسپانىيە پارلامېنتى
دۇنيا تارىخى
ئىسپانىيىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى تەبىقە ۋەكىللىك ئورگىنى، يېقىنقى زامان بۇرژۇئازىيىسىنىڭ ۋەكالەت ئورگىنى. ئىسپانچە Gorte,gortes بولۇپ، ئەسلى ئوردا دېگەن مەنىدە. ئوتتۇرا ئەسىردە پورتۇگالىيە پارلامېنتىمۇ مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. ئاراگون پارلامېنتى بىلەن كاستىللار پارلامېنتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1071 - ۋە 1137 - يىللىرى مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، دەسلىپىدە پەقەت ئىككى ئىمتىيازلىق تەبىقىنىڭ يەنى ئاقسۆڭەكلەر بىلەن دىندارلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان. كېيىن جايلاردىكى شەھەرلەر ئۆزلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى ئەۋەتىپ پارلامېنتقا قاتناشتۇرغان. كاستىللا پارلامېنتى پادىشاھلىق ھاكىمىيەتنى كۈچەيتىش ۋە فېئوداللارنىڭ بېشەملىكىنى چەكلەش جەھەتتە مەلۇم رول ئوينىغان. ئاراگون پارلامېنتى چوڭ فېئوداللارنىڭ قولىدا بولۇپ، كورۇلنى نازارەت قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغان. ⅩⅧ ئەسىرگە كەلگەندە، ئىلگىرىكى تەبىقە ۋەكىللىك ئورگانلىرىنڭ ئىسمى بار، جىسمى يوق بولۇپ قېلىپ، پۈتكۈل ھاكىمىيەتنى پادىشاھ ئۆز قولىدا تۇتقان. بەزىدە بەزى مۇراسىملار (ئالايلۇق: كورۇل ئالماشقان ياكى كورۇل جەمەتلىرى نىكاھلانغان) نى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈنلا پارلامېنت چاقىرىلغان، بىرىنچى قېتىملىق بۇرژۇئا ئىنقىلابىدا، ۋاقىتلىق پارلامېنت 1812 - يىلى كارىستا چاقىرىلىپ، ھۆرلۈك ئاساسىي قانۇننى تۈزۈپ چىقىپ، دۆلەتنىڭ ئالىي ئورگىنى - بىر پالاتالىق پارلامېنت، ئۇ، ئومۇمىي سايلام ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆزگەرتىپ سايلىنىدۇ (ئائىلە چاكارلىرىنىڭ سايلام ھوقۇقى بولمايدۇ)؛ كورۇلنىڭ پارلامېنت يىغىنىنى تارقىتىۋېتىش، ئۇزارتىش ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىش ھوقۇقى بولمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. لېكىن 1814 - يىلى فېرناندو Ⅶ نىڭ تىرىلدۈرۈشىدىن كېيىن، پارلامېنت تارقىتىۋېتىلگەن. 1820 - 1823 - يىللىرىدكى بۇرژۇئا ئىنقىلابىدا فېرناندو Ⅶ 1812 - يىلدىكى ئاساسىي قانۇننى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلاشقا مەجبور بولۇپ، 1820 - يىلى يېڭى پارلامېنت چاقىرغان. ئۇنىڭدا كونسېرۋاتىپلار ۋە رادىكاللاردىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇھ شەكىللەنگەن. كېيىنكى 1822 - يىلىدىكى پارلامېنت سايلىمىدا يېڭىپ چىقىپ، ھۆكۈمەت تەشكىل قىلغان. 1869 - يىلىدىكى ئاساسىي قانۇندا ئىسپانىيە ۋارىسلىق قىلىنىدىغان پادىشاھلىق، كورۇلنىڭ ھوقۇقىنى تەڭ ھوقۇقلۇق بولغان يۇقىرى - تۆۋەن ئىككى پالاتا تىزگىنلەپ تۇرىدۇ، دەپ جاكارلانغان. 1876 - يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن ۋە 1877، 1878 - يىللاردىكى ئىككى پالاتاغا ئالاقىدار بولغان سايلام قانۇنلىرىدا ئىسپانىيە ۋارىسلىق قىلىنىدىغان پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق دۆلەت بولۇپ، مەمۇرىي ھوقۇق كورۇلغان، قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى كورۇل بىلەن پارلامېنتقا مەنسۇپ بولىدۇ؛ كورۇل بەلگىلەنگەن ۋەزىر پارلامېنت ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، كورۇلنىڭ بارلىق بويرۇقلىرىغا بىرەر ۋەزىرنىڭ ئىمزاسى قوشۇمچە قىلىنىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. ئەمەلىيەتتە، شۇنىڭدىن كېيىن تاكى ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە، ئىسپانىيىدە ئىككى ئاساسلىق پارتىيە ئالمىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان تۈزۈم ساقلىنىپ تۇرغان.