Uyghur主要词典
ئېرىترېيە ئازادلىق فرونتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئېرىترېيىدىكى مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى بولۇپ، ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرى قۇرۇلدى. بۇ فرونت ئېرىترىيە رايونىدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنى ئاساس قىلىپ، قوراللىق كۈچ تەشكىللەپ، ئېفىئوپىيىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. نۇرغۇن ئەرەب دۆلەتلىرىدە ۋەكىللىك ئورگانلىرىنى تەسىس قىلدى. 1969 - يىلى ئېرىترىيە خەلق ئازادلىق فرونتى قۇردى. 1993 - يىلى 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئېفىئوپىيىدىن رەسمىي ئايرىلىپ مۇستەقىل دۆلەت بولدى.