Uyghur主要词典
ئېرۇسالىم
دۇنيا تارىخى
ئېيتىشلارغا قارىغاندا <تىنچلىق شەھىرى> دېگەن مەنىدە. پەلەستىننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى قەدىمىي شەھەر، يەھۇدىي پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى. خرىستىئان، ئىسلام دىنى ۋە يەھۇدىي دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅺ ئەسىردە بىنا قىلىنىشقا باشلىغان. پادىشغاھ دۋاىد بۇ شەھەرنى پايتەخت قىلغان ھەمدە قۇرغان، ئوردا ۋە ئىبادەتخانا قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى سالدۇرغان. پادىشاھ سولومون ھەشىمەتلىك ئوردا ۋە يەھۋا ئىبادەتخانىسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى داۋاملىق سالدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ شەھەر يەھۇدىيلارنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي مەركىزىگە ئايلانغان. مىلادىدىن 586 يىلى ئىلگىرى يېڭى بابىلون پادىشاھى ناۋۇخودونوسور ئىشغال قىلىۋالغان. كۆپلىگەن ئاھالىسى مەجبورىي ھالدا بابىلونغا كۆچۈرۈلگەن. ئۇلار، تارىختا <بابىلون تۇتقۇنلىرى> دەپ ئاتالغان. مىلادىدىن 535 يىل ئىلگىرى پېرسىيە پادىشاھى كىروس بابىلوننى ئىشغال قىلىپ، يەھۇدىي <تۇتقۇنلىرى>نى قويۇپ بېرىپ ئېرۇسالىمغا قايتىپ كېتىشىگە يول قويغان، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىردە رىم زېمىنىغا قوشۇۋېتىلگەن. مىلادى Ⅰ ئەسىردىن Ⅱ ئەسىرگىچە كۆپ قېتىم رىم ھۆكۈمرانلىقىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان. كېيىن قايتىدىن ياسالغان. Ⅶ ئەسىردە ئەرەبلەر، Ⅺ ئەسىردە سالجۇق تۈركلىرى ئىگىلىۋالغان. ئەھلىسەلىپ قوشۇنى شەرققە يۈرۈش قىلغاندا بۇ جايدا لاتىن پادىشاھلىقىنى قۇرغان. كېيىن ئۇزۇن ۋاقىت ئەرەبلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرغان. ئېرۇسالىم كونا ۋە يېڭى دەپ ئىككى شەھەرگە بۆلۈنىدۇ، كونا شەھىرىدە قەدىمىي يادىكالىقلار كۆپ. زىئون قەلئەسى، ھەيۋەتلىك يۇمىلاق تاش تۈۋرۈكلۈك خانىقا ۋە خرىستىئان دىنى ئۆلىمالىرىنىڭ قەبرىلىرى، چېركاۋ قاتارلىقلار بار. ئېيتىشلارغا قارىغاندا قىددىس ئەيسا بۇ جايدا كرېستقا مىخلاپ ئۆلتۈرۈلگەنمىش؛ ئىسلام دىنى پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ بۇ جايدا ئاللانىڭ دەرگاھىغا (مىراجغا) چىققانمىش. 1949 - يىلى ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتىن كېيىن، ئىسرائىلىيە يېڭى شەھەرنى ئىگىلىگەن، ئېئوردانىيە كونا شەھەرنى ئىگىلگەن. 1967 - يىلدىكى ئۈچىنچى قېتىملىق ئەرەب - ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىدا، ئىسرائىلىيە پۈتۈن ئېرۇسالىمنى بېسىۋالغان.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئىبرانىي تىلى بولۇپ، ئەرەبچە قۇدۇس شېرىپ دېيىلىپ، «مۇقەددەس»، «پاك» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ دۇنياغا مەشھۇر قەدىمكى شەھەر بولۇپ، پەلەستىننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا. ئاھالىسى يەھۇدىيلار ۋە .ەرەبلەرنى ئاساس قىلىدۇ. ئەسلىي كەنئانلىقلارنىڭ شەھىرى بولۇپ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1000 - يىلى پادىشاھ داۋىد ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن ئىبرايلار بىرلەشمە پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى بولۇپ قالدى. كېيىن داۋىدنىڭ ئوغلى سولۇمۇن (سۇلەيمان) بۇ يەردە قەسىر سالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەر يەھۇدىيلارنىڭ سىياسىي دىنىي مەركىزى بولۇپ قالدى. پادىشاھلىق پارچىلانغاندىن كېيىنمۇ يەھۇدىي پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى بولىۋەردى. كۆپ قېتىم تالان - تاراج قىلىندى، ئاھالىسى ھەممە يەرگە سەرسان قىلىۋېتىلدى. مىلادىيە 70 - يىلى رىم قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئۈزۈل - كېسىل ۋەيران قىلىندى. يەھۇدىيلار كۆپلەپ كېتىپ قالدى. ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخىي ئۆزگىرىشلەر داۋامىدا ئەرەبلەر پەلەستىننىڭ ۋە مۇشۇ يەرنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى بولۇپ قالدى. يېقىنقى ۋە ھازىرقى زاماندىن بۇيان يەھۇدىيلار ئۈزلۈكسىز كۆچۈپ كەلدى. خرىستىئان دىنى ئىيسا پەيغەمبەرنىڭ مۇشۇ يەردە كرىست تاختايغا مىخلاپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە ھەمدە تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئىسلام دىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشۇ يەردىن ئەرشكە چىققانلىقىغا ئىشىنىدۇ ھەمدە 623 - يىلىدىن ئىلەىرى بۇ شەھەرنى ناماز ئوقۇغان چاغدا قىبلە قىلغان. شۇڭا يەھۇدىي دىنى، خرىستىئان دىنى ۋە ئىسلام دىنى ئۆزىنىڭ دىنىي رىۋايەتلىرىگە ئاساسەن، بۇ شەھەرنى مۇقەددەس جاي دەپ بىلىدۇ. شەھەر كۆلىمى بىر كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تۆت رايونغا ئايرىلغان. شەرق تەرىپى مۇسۇلمانلار ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، مەشھۇر روك قەسىرى رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. روك قەسىرى رايونىدىكى مۇقەددەس جايدا ئىسلام دىنى ۋە يەھۇدىي دىنىنىڭ مۇقەددەس ئورۇنلىرى (روك قەسىرى خارابىسى يەھۇدىي دىنىنىڭ، ئەقسا مەسچىتى ئىسلام دىنىنىڭ، غەربىي تام يەھۇدىي دىنىنىڭ مۇقەددەس ئورۇنلىرى) ھېسابلىنىدۇ. غەربىي شىمال قىسمى خرىستىئان دىنىنىڭ پەيغەر قەبرىسى ئىبادەتخانىسى بار (بۇ يەرنى پراۋوسلاۋىيە دىنى، كاتولىك دىنى، كوپت چېركاۋى، ئەرمەن چېركاۋى بۆلۈپ ئىدارە قىلىدۇ). غەربىي جەنۇب قىسمى ئەرمەن چېركاۋى رايونى، جەنۇبىي قىسمى يەھۇدىي دىنى رايونى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شەھەرنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى زىئون تېغى يەھۇدىي دىنىنىڭ يەنە بىر مۇھىم مۇقەددەس يېرى ھېسابلىنىدۇ. شەھەرنىڭ شەرقىدىكى زەيتۇن تېغىدا خرىستىئان ۋە يەھۇدىي دىنلىرىنىڭ مۇقەددەس جايلىرى بار. 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئېرۇسالىمنى ب د ت ئىدارە قىلدى. 1948 - يىلى ئىسرائىلىيە يېڭى شەھەرنى ئىشغال قىلىۋالدى. 1967 - يىلىدىكى ئۈچىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدا يېڭى، كونا شەھەر رايونلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىسرائىلىيە ئىشغال قىلىۋالدى.