Uyghur主要词典
ئېرىدۇ ئوبېد مەدەنىيىتى
دۇنيا تارىخى
<ئېل ئوبېد مەدەنىيىتى> دەپمۇ ئاتىلدۇ. مېسوپوتامىيە ۋادىسىدا، برۇنزا تاش قوراللار تەڭ ئىشلىتىلگەن دەۋردىكى مەدەنىيەت. ⅨⅩ ئەسرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئېفرات دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى (ھازىرقى ئىراقتا) ئېرىدۇ بىلەن تىل ئېل ئوبېد دىن خارابە. ئۇنىڭ مەۋجۇت بولغان دەۋرى تەخمىنەن مىلادىدىن 3400 - 3500 يىلى ئىلگىرىكى يىللار ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ. ئاھالىلىرى بېلىقچىلىق، ئوۋچىلىق بىلەن ھايات كەچۈرگەن، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىققا ئۆتكەن. تاش قوراللار ئىچىدە پالتا شەكلىدىكى تاش، چىش چىقىرىلغان تاش ئورغاق ۋە تاشتىن ياسالغان ئوقيا ئۇچى قاتارلىقلار بار. لېكىن يەنە مىس قوراللارمۇ مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان. ساپال قاچىلار قولدا ياسالغان، رەڭگى ئاددىي بولۇپ، ساددا گېئومېتىرىك شەكىللەر چۈشۈرۈلگەن. لاتقا ياكى قومۇشتىن ئۆي سېلىنغان، ئەڭ دەسلەپكى مۇنارە ئىبادەتخانا ياسالاغنا. ئېرىدۇدا قېزىلىپ چىققان ساپالدىن ئىشلەنگەن ئەرنىڭ ھەيكىلىدە ئوڭ قولىغا لاي كومىلىچى تۇقۇزۇلغان، بۇ ئاتىنىڭ ئائىلە باشلىقلىقى ئورنىنى بىلدۈرسە كېرەك. لېكىن تېپىلغان بىرمۇنچە ئاياللارنىڭ ئويما ھەيكەللىرىدىن قارىغاندا، يەنىلا ماترىئارخاللىق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرى ساقلانغان. ئېرىدۇ ئوبېد مەدەنىيىتىنى سۇمېرلار ياراتقان دېگەن قاراش بار، ئۇلار ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتى پارچلىنىشقا قاراپ ماڭغان دەۋردە تۇرغان. <ئېرىدۇ خارابىسى> غا قاراڭ.