Uyghur主要词典
ئېرىدۇ خارابىسى
دۇنيا تارىخى
ئىراقتىكى قەدىمىي شەھەر خارابىسى. ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇرنىڭ غەربىي جەنۇبىدا تەخمىنەن 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئېرىدۇ (ھازىرقى ئابۇ شەھرائىن)دا. بىر نەچچە قېتىملىق قېزىش ئارقىسىدا، تارىختىن ئىلگىرىكى مەزگىللىرىدىكى ئېرىدۇ دەۋرىدىن دەسلەپكى خاندانلىق دەۋرىگىچە بولغان خارابىيلەر تېپىلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي قىسمى ئۇر ئۈچىنچى خاندانلىقىنىڭ مۇنارە ئىبادەتخانىسى ۋە مۇقەددەس رايون ئۆي - ئىمارەتلىرى خارابىسىدىن ئىبارەت، شۇنىڭدەك سۇمېردىن ئىلگىرىكى مۇقەددەس خانىقالار خارابىسىمۇ بار. جەمئىي 17 مەدەنىيەت قاتلىمى، 14 مۇقەددەس خانىقا بار، 1 - 5 - قاتلىمى ئۇۇرك دەۋرى، 6 - 7 - قاتلىمى ئۇبايىدنىڭ ئاخىرقى دەۋرى، 8 - 11 - قاتلىمى ئۇبايىدنىڭ دەسلەپكى دەۋرى، 12 - 14 - قاتلىمىدا بايقىغىلى بولغۇدەك ئىزلار يوق، 15 - 17 - قاتلىمى ئۇبايىد دەۋردىن بۇرۇنقىلار (ئېرىدۇ دەۋرى). خانىقانىڭ لايىھىلىنىشى تۆت بۇرجەك شەكلىدە بولۇپ، قاتمۇقات قىلىپ ياسالغان. غەربىي شىمالدا 200 دىن ئارتۇق قەدىمىي قەبرە قېزىلغان، قوشۇپ كۆمۈلگەن نەرسىلەر ئاساسەن ساپال قاچىلار، شۇنىڭدەك تۈگمىگە ئوخشاش زىننەت بۇيۇملىرى ۋە ساپالدىن ئىشلەنگەن كىچىك ھەيكەللەرمۇ بار. <ئېرىدۇ ئوبېد مەدەنىيىتى> گە قاراڭ.