Uyghur主要词典
ئوتلۇق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم(«ئوت Ⅰ » گە ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە «لۇق» قوشۇلغان).
ساماۋارنىڭ ئوتلۇقىنى تۈزەپ قوي.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت («ئوتⅠ » گە سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچە «لۇق» قوشۇلغان).
ئوتلۇق يۈرەك. * ئېتىكى ئوتلۇق قىز.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت(«ئوت Ⅱ » گە سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچە «لۇق» قوشۇلغان).
ئوتلۇق يەر. * ئېشىكىڭ بولسا، ئوتلاققا باغلا.
شىۋىلەر
تۇرپان شىۋىسى
تونۇرنىڭ كۈلىنى چىقىرىدىغان تۆشۈكى، داپخۇن.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئوتلۇق.
تالاس يېنىدىكى بىر شەھەرنىڭ نامى.
1 - 133
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
شۇ شەھەرلىكلەرنىڭ تىلىدا ئېغىل.
1 - 133
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئوتى بار، ئوت - چۆپلەر كۆپ ئۆسكەن، ئوت بىلەن قاپلانغان.
ئۇلار تەڭرى تېغىنىڭ تۆۋەن ئېتىكىدىكى سۈزۈك سۇلۇق، يۇمراق ئوتلۇق گۈزەل يايلاقتا بىر كېچە تۈنىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئوتى بار، كۆيدۈرۈش كۈچىگە ئىگە.
قان - ياش ئاققان كۆزلەردە، چاققاي بۈگۈن چاقماقلار! چۈشۈپ ئوتلۇق چېقىلغان، كۆيسۈن ئەمدى چاققاقلار!
قىزىق، ئىسىق، ھارارەتلىك؛ كىشىگە ئىللىقلىق، خۇشاللىق بېغىشلايدىغان.
ئىككى سەپداشنىڭ ئوتلۇق مەڭزى بىر - بىرىگە چىڭ چاپلاشتى.
نۇرلۇق، نۇر چېچىپ تۇرغان، چاقناپ تۇرغان.
- ھە... - ئۇ شۇنداق دېدى - دە، گويا قىزنىڭ ئوتلۇق كۆزلىرىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىشىدىن قورققاندەك، يەرگە قارىۋالدى.
كۆچمە. بالا - قازا، جېدەل - ماجىراغا يېقىن، خەتەرلىك، جېدەل پەيدا قىلىدىغان.
خوتۇن خەقنىڭ پېشى ئوتلۇق دەپ، ئوت تۇتىشىپ بالا - قازا ياماشقىلى ئارانلا تۇرىدۇ.
كۆچمە. شىجائەتلىك، غەيرەتلىك، قايناق؛ جۇشقۇن، قىزغىن.
ئۇنىڭ ئوتلۇق ياش يۈرىكى دائىم خەلق ئۈچۈن سوقۇپ تۇراتتى.
كۆچمە. كۈچلۈك روھىي ئازاب كەلتۈرىدىغان، ئەلەملىك، دەردلىك.
مېنىڭ بۇ خېتىم، بەلكى سىزنىڭ كامىل ئۈچۈن ھەسرەتلىك ياشلار تۆككەن، ئوتلۇق ئاھلار تارتقان چېغىڭىزدا يېتىپ بارار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. تونۇرنىڭ كۈلىنى چىقىرىدىغان تۆشۈكى، داپخون.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئوتلۇق، ھارارەتلىك.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
ھارارەتلىك، قىزغىن كىشى.