Uyghur主要词典
ئوتلاق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مال يايلىتىدىغان، ئوتلىتىدىغان چۆپلۈك يەر.
گۈزەل يايلاقمۇ زەھەرلىك چۆپتىن ساقلانسا بولىدۇ. شىنجاڭدا 096 مىليون مو يايلاق - ئوتلاق بار، لېكىن تەڭدىن تولىسى ناچار.
بىئولوگىيە
مۆتىدىل بەلباغدا ئۆسىدىغان قۇرغاقچىلىققا چىداملىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر تۈركۈمى بولۇپ، ئاساسەن سۇلۇ ئۇرۇقدىشىدىكى ئۆسۈملۈكلەردىن تۈزۈلىدۇ. جۇڭگونىڭ ئوتلاق يېپىنچىسى شەرق، شىمال ۋە غەربىي قىسىم، ئىچكى موڭغۇل، غەربىي شىمال چۆللۈك رايونى، تاغلىقلار ۋە چىڭخەي، شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن شىمالىي قىسىمىغىچە كەڭ تارقالغان، ئۇ پۈتۈن ياۋروپا، ئاسىيا ئوتلىقىنىڭ بىر قىسمى. ئوتلاق تارقالغان رايونلارنىڭ ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى: يامغۇر مىقدارى ئاز، چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرىدىكى كىلىماتى ئېنىق، يامغۇر ئاساسەن ياز پەسلىدە ياغىدۇ، قىش پەسلىدە قاتتىق سوغۇق مەزگىلى ئۇزۇنغا سوزۇلىدۇ. ئوتلاق تۈركۈمى ئىچىدە تارقاق ئۆسكەن دەرەخ بولمايدۇ، كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك يىلمۇ يىل ئۆسۈپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ يىلتىزى تۇپراققا چوڭقۇر كىرىدۇ، ياشاش تىپى يەر ئۈستى بىخلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئاساس قىلىدۇ، يوپۇرمىقىدا ئومۇميۈزلۈك قۇرغاقچىلىق ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولىدۇ، ئۇنىڭ يوپۇرماق ئالىقىنى تار بولۇپ، يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ، ۋە غۇژمەكلىشىپ موملۇق قەۋىتى شەكىللىنىدۇ، رەڭگى قارامتۇل يېشىل بولىدۇ. ئوتلاق چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ياخشى ماكانى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئوت - چۆپلەر كۆپ ئۆسكەن، ئوت - چۆپ بىلەن پۈركەنگەن جاي؛ يايلاق، چۆپلۈك.