ئوتلۇقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئوتى بار، كۆيدۈرۈش كۈچىگە ئىگە:[مىسال:] قان-ياش ئاققان كۆزلەردە، چاققاي بۈگۈن چاقماقلار چۈشۈپ ئوتلۇق چېقىلغان، كۆيسۈن ئەمدى چاققاقلار[يەشمىسى:] ② قىزىق، ئىسسىق، ھارارەتلىك؛ كىشىگە ئىللىقلىق، خۇشاللىق بېغىشلايدىغان:[مىسال:] ئىككى سەپداشنىڭ ئوتلۇق مەڭزى بىر-بىرىگە چىڭ چاپلاشتى.[يەشمىسى:] ③ نۇرلۇق، نۇر چېچىپ تۇرغان، چاقناپ تۇرغان:[مىسال:] ھە... ئۇ شۇنداق دېدى-دە، گويا قىزنىڭ ئوتلۇق كۆزلىرىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىشىدىن قورققاندەك، يەرگە قارىۋالدى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بالا-قازا، جېدەل-ماجىراغا يېقىن، خەتەرلىك، جېدەل پەيدا قىلىدىغان:[مىسال:] خوتۇن خەقنىڭ پېشى ئوتلۇق دەپ، ئوت تۇتىشىپ بالا-قازا ياماشقىلى ئارانلا تۇرىدۇ.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] شىجائەتلىك، غەيرەتلىك، قايناق؛ جۇشقۇن، قىزغىن:[مىسال:] ئۇنىڭ ئوتلۇق ياش يۈرىكى دائىم خەلق ئۈچۈن سوقۇپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۈچلۈك روھىي ئازاب كەلتۈرىدىغان، ئەلەملىك، دەردلىك:[مىسال:] مېنىڭ بۇ خېتىم، بەلكى سىزنىڭ كامىل ئۈچۈن ھەسرەتلىك ياشلار تۆككەن، ئوتلۇق ئاھلار تارتقان چېغىڭىزدا يېتىپ بارار.