Uyghur主要词典
ئوتلاق سالمىسى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
زوئولوگىيە
سۆرەلگۈچىلەر كلاسى، كەسلەنچۈك ئائىلىسىدىكى ھايۋان. تەن ئۇزۇنلۇقى 25 سانتېمېتىر، قۇيرۇقى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن، دۈمبىسى يېشىل قوڭۇر، قورسىقى ئاقۇچ كۈل رەڭ، تېنىنىڭ يان تەرەپلىرى يېشىل، دۈمبىسدە ئالتە قاتار چوڭ تەڭگىچە قاسىرىقى بار، ئوت - چۆپ ئارىسىدا ياشاپ، ھاشارات تۇتۇپ يەيدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبىغا تارقالغان، شىنجاڭدىمۇ بار.