Uyghur主要词典
ئوڭشىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بۇزۇلغان نەرسىلەرنى رېمونت قىلىپ تۈزىمەك، ساق، نورمال ھالىتىگە كەلتۈرمەك.
ئادىل ئوتۇن ياراتتى، بۇزۇلغان نەرسە - كېرەكلەر بولسا ئوڭشايتتى.
رەتسىز، قالايمىقان نەرسە ياكى ھالەتنى رەتلىك، رۇس ھالەتكە كەلتۈرمەك؛ ياخشىلىماق.
بىر نەچچە كۈنلۈك جاپالىق كۈرەشتىن كېيىن قالايمىقانچىلىق ئاساسىي جەھەتتىن ئوڭشالدى.
ئىش - ھەرىكەت ياكى گەپ - سۆزدىكى ناتوغرىنى توغرىلىماق، تۈزەتمەك، مۇۋاپىقلاشتۇرماق.
ئۇ قىزنىڭ رايىنى ياندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن دەرھاللا تەلەپپۇزىنى ئوڭشىۋالدى.
كۆچمە. ناچار، يامان ھالەتنى ياخشىلىماق، غەم، قايغۇدىن خالاس قىلماق.
ئۇنىڭغا ئازراق ياردەم قىلايلى ئۆزىنى ئوڭشىۋالسۇن.
تىنچلاندۇرماق، ياخشلىماق، يامان پايدىسىز تەرەپكە مېڭىشتىن توسىماق، ياخشى تەرەپكە بۇرىماق.
بىز ۋەزىيەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوڭشاپ، زور ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئالدۇق.