Uyghur主要词典
ئوڭلۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مىجەز - خۇلقى ياخشى، ئىشنىڭ يولىنى بىلىدىغان.
ساراڭنىڭ ئوڭى يوق، پاشىنىڭ قوڭى. ئاقنى كۆككە ئۇلىغان ئوڭلۇق خېنىم. رايىش موللام ئىش تاپماس. ئوڭامۇق ئەر - ئوڭلۇق كىشى.
شىۋىلەر
تۈزۈك، توغرا، تەرسا ئەمەس. مەسىلەن: ئوڭلۇق ئادەم - تۈزۈك ئادەم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئىشنىڭ يولىنى بىلىدىغان، توغرا ئىش قىلىدىغان ھەم خۇشخۇي، ئەقىللىق،گەپ - سۆز، ئىش - ھەرىكىتى بىلەن كىشىنى مايىل قىلىدىغان.
بۇ تېۋىپ ھەقىقەتەنمۇ پەم - پاراسەتلىك ۋە بەكمۇ ئوڭلۇق بىر كىشى ئىدى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
ئوڭلۇق، رايىش كىشى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئوڭلۇق، رايىش.