Uyghur主要词典
ئوڭلانماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كېسەلدىن قۇتۇلماق، شىپا تاپماق.
ساراڭ ساقايماس. قېلىچ يارىسى ساقىيار، تىل يارىسى ساقايماس. قىڭغىر ئېغىزنى قىرىق دورا بىلەن داۋالىساڭمۇ تۈزەلمەيدۇ. سەۋرى قىلغان ئوڭلىنار. كېسەلگە سەۋەب قىل، ياخشى بولۇپ قالىدۇ. ئۆمەر كېسەلدىن ئۆرە بولۇپ قاپتۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئاغرىق - سىلاقتىن قۇتۇلماق، خالىي بولماق.
ئاغرىماق، كېسەل بولماق، بىتاپ بولماق، ساقسىز بولماق
ئاغرىق - سىلاققا مۇپتىلا بولماق، تەن ساقلىقتىن ئايرىلماق.
قېلىچ يارىسى ساقىيار، تىل يارىسى ساقايماس. قىڭغىر ئېغىزنى قىرىق دورا بىلەن داۋالىساڭمۇ تۈزەلمەيدۇ. سەۋرى قىلغان ئوڭلىنار. كېسەلگە سەۋەب قىلساڭ، ياخشى بولۇپ قالىدۇ. ئۆمەر ئۆرە بولۇپ قاپتۇ. كۆزۈڭ ئاغرىسا، قولۇڭنى تارت. كېسەل بولساڭ، دەرھال داۋالات. بىتاپ بولغان كىشىگە قايناقسۇ شىپا. ئاغرىغان چىشنىڭ دورىسى ئامبۇر. كېسىلىڭنى بىلگىنىڭ ساقىيىشقا قاراپ ماڭغىنىڭ. ساقسىز بولساڭ، سوغۇقتىن ساقلان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<ئوڭلىماق> پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى.
سىز بازارنى بىر ئايلىنىپ كېلىڭ، كاجنى بازار ئوڭلايدۇ دېگەن گەپ بار، ئوڭلىنىپ كېلەرسىز ئاڭغىچە مەن قاراپ تۇراي.
<ئوڭلىماق> پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.
ئۇنىڭ خېلى ئۇزاق تىركىشىشى نەتىجسىدە ۋېلىسىپىت ئاخىر ئوڭلاندى.