Uyghur主要词典
ئوڭدا قويماق
شىۋىلەر
ئالدامچىلىق بىلەن بىراۋنى قاتتىق زىيان تارتقۇزماق.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
زىيانغا ئۇچراتماق، ئەسلى - ۋەسلىدىن ئايرىۋەتمەك، زەربە بەرمەك: - مېنىڭ ئۇششاق - چۈششەك بولسىمۇ، تۇرمۇشقا لازىملىق نەرسىلىرىم بار، راست گەپنى قىلسام، بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى ئۇلارنىڭ مېنى ئوڭدا قويارمۇ دەپ ئەنسىرەيمەن، قىزىم، - دەپ يىغىلىدى بوۋاي.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
زىيانغا ئۇچراتماق؛ مەقسەت - مۇددىئاسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يول قويماسلىق.
ئۇنىڭ مەقسىتى دېھقاننى تويدۇرۇش ئەمەس، ئۆزىنىڭ شەھۋانىي نەپسىنى قاندۇرۇش ئىكەن، لېكىن ئايخان ئۇنى قاتتىق بىر ئوڭدا قويدى.