Uyghur主要词典
ئورىغۇچى يوپۇرماق
بىئولوگىيە
گۈل ياكى گۈل رېتىنى ئوراپ تۇرىدىغان ھالەت ئۆزگەرتكەن يوپۇرماق. ئۇ ئادەتتە كىچىك يوپۇرماق ياكى تەڭگىچە يوپۇرماق بولۇپ، يېشىل ياكى باشقا رەڭدە بولىدۇ. مەسىلەن، كېۋەزدە ئۈچ تال يېشىل ئورىغۇچى يوپۇرماق بولىدۇ. شال ۋە بۇغداينىڭ باشىقى ۋە گۈلىنى سىرتىدىن ئوراپ تۇرىدىغان قاسىراقمۇ ئورىغۇچى يوپۇرماقنىڭ بىرخىل ھالەت ئۆزگەرتكەن شەكلى. گۈل رېتىنىڭ سىرتىدا توپلىشىپ ئۆسكەن ئورىغۇچى يوپۇرماق ئومۇمىي ئورىغۇچى يوپۇرماق دەپ ئاتىلىدۇ. كۆممىقوناقنىڭ ئانىلىق گۈل رېتىنىڭ ئورىغۇچى پەردىسى ئومۇمىي ئورىغۇچى يوپۇرماق بولىدۇ. جۇخار گۈلىنىڭ سېۋەتسىمان گۈل رېتىنىڭ سىرتىدا يېشىل گۈل كاسا يوپۇرمىقى بولىدۇ. گۈزەل سۈتلۈك ئوتنىڭ ئومۇمىي ئورىغۇچى يوپۇرمىقى قىزىل بولىدۇ. چايانئوت، كولكازنىڭ ئومۇمىي ئورىغۇچى يوپۇرمىقى يالقۇنسىمان بولۇپ، يالقۇنسىمان ئورىغۇچى يوپۇرماق دەپ ئاتىلىدۇ. بۇدۇشقاقنىڭ ئورىغۇچى يوپۇرمىقى خالتىسىمان بولۇپ، ئۈستىدە ئىنچىكە تىكەنچىلەر بولىدۇ. بۇ ھايۋانلارغا يېپىشىۋېلىپ مېۋىسىنى تارقىتىشىغا پايدىلىق.