ئورىماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسە بىلەن ھەممە تەرىپىنى يېپىپ يىغماق، بەلگىلىك شەكىلدە يۆگىمەك:[مىسال:] ئۇ يەرگە چۈشۈپ كەتكەن چىشىنى ئېلىپ ھېلىقى لاتىغا ئوراپ يانچۇقىغا سالدى.[يەشمىسى:] ② قاپلىماق، قورشىماق، تۆت ئەتراپىنى توسماق:[مىسال:] گۇگۇم بارا-بارا قارا پەردىسى بىلەن زېمىننى ئورىدى.[يەشمىسى:] ③ ئەتراپىغا جۇغلاشماق، ئارىغا، ئوتتۇرىغا ئېلىۋالماق:[مىسال:] قىزلار ۋاھاپنى ئورىۋېلىپ چۇرقىراشتى.[يەشمىسى:] ④ مەلۇم نەرسىنى يەنە بىرنەرسە ئۈستىگە يۆگىمەك، ئايلاندۇرۇپ قاتمۇقات ھالەتتە ئورۇنلاشتۇرماق:[مىسال:] ئۇ قامچىنىڭ دەستىسىگە تاسما ئورىدى.[يەشمىسى:] ⑤ ياپماق، توسماق:[مىسال:] ئۇ ئېغىز-بۇرنىنى ئورىۋالغان يۇڭ شارپىسى بىلەن خۇددى ھەجۋىي رەسىمگە ئوخشاپ قالغانىدى.