ئورۇنلاشماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر جايغا ماكانلاشماق، شۇ جاينى ئىگىلىمەك:[مىسال:] ئۇ 50-يىللاردىلا مۇشۇ يېزىغا كېلىپ ئورۇنلاشقانىدى.[يەشمىسى:] ② ئومۇمەن ۋاقىتلىق تۇرالغۇ، قونالغۇ قىلىش ئۈچۈن چۈشمەك، قونالغۇ قىلماق:[مىسال:] ئۇلار ئاتۇش مەھەللىسىدىكى جامال گايىتنىڭ سارىيىغا ئورۇنلاشتى.[يەشمىسى:] ③ جايلاشماق، بىنا قىلىنماق، سېلىنماق:[مىسال:] بۇ يېزا چەت بىر جاڭگاللىققا ئورۇنلاشقانىدى.[يەشمىسى:] ④ خىزمەتكە، ئىشقا ياكى ئوقۇشقا كىرمەك، مەلۇم بىر ساھەدە مۇلازىمەت قىلىشقا كىرىشمەك:[مىسال:] ئۇ ئىككى كۈن «يول» مېڭىپلا ناھىيىلىك رادىئو ئۇزىلىغا ئورۇنلاشتى.