ئۆلۈككە جان تىلىمەك[يەشمىسى:] مۇمكىن بولمايدىغان بىرەر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن دەپ قۇرۇق ئاۋارە بولماق، مۇمكىن بولمايدىغان، ئىمكانىيىتى يوق ئىشتىن بىھۇدە ئۈمىد كۈتمەك:[مىسال:] سىز بۇ ئىشتىن ئۈمىد كۈتمەڭ، ئۆلۈككە جان تىلىمەڭ، پايدىسى يوق ئۇكام، دېدى ئۇ ماڭا نەسىھەت قىلىپ.