Uyghur主要词典
ئۆلۈكىنى ئارتماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چىدىماستىن ئۆلۈۋېلىپ، جاۋابكارلىقنى باشقىلارغا دۆڭگىمەك.
قوي، ئۇنىڭ بىلەن ئېيتىشما، يەنە ئۆلۈكىنى ئارتمىسۇن. ئۇ ئىپلاس ئۆلۈكىنى ساتىدىغان نېمە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
قارشى تەرەپكە ئۆزىنىڭ ھەممە ئېغىرلىقىنى ئارتماق، ھەممە ئىشتا يۆلىنىۋالماق.
- ئۇنى ئاز دېگەندەك يەنە.... ئۆلۈكۈمنى ئارتىپ خەلقىئالەم ئالدىدا بېشىڭىزنى كۆتۈرەلمەس قىلىپ قويدۇم،- دەپ سۆزلىگىلى تۇردى قىز.
ئۇششۇقلۇق قىلماق.
ئەگەر ئۇنىڭغا تېگىپلا قويسىڭىز سىزگە ئۆلۈكىنى ئارتىدۇ.