Uyghur主要词典
ئۆلۈك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھاياتى تۈگىگەن. جېنى چىقىپ بولغان، ئۆلگەن گەۋدە. <تاپ> ھايۋانغا قارىتىلىدۇ.
ئۆلۈك چىققان ئۆيدە، ئۈچ كۈنگىچە سۆز - چۆكەك. ئۆلۈكى چاشقاننىڭ تىرىكى. جەسەتتىن قاچما، ھەسەتتىن قاچ. مېيىتنى ۋاقتىدا ئۇزىتىش كېرەك، ساقلاشقا بولمايدۇ. ئەخلاقسىز ئادەم تىرىك مۇردا. قاغىغا يول باشلاتساڭ، تاپقا باشلاپ بارار.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۆلگەن ئادەم ۋە ھايۋاننىڭ جانسىز تېنى.
تىرىك، كۆزى ئوچۇق، جېنى بار
ئۆلمىگەن، ياشاش - ئۆسۈش پائالىيىتىنى يوقاتمىغان، ھايات.
ئون ئۈلۈكتىن بىر تىرىك ئەلا. يولۋاسنىڭ ئۆلۈكى ئىتنىڭ تىرىكىدىن ئەلا. تىرىك بولۇپ ساندا يوق، ئۆلۈك بولۇپ گۆردە. تىرىك ئىززەتكە تويماس، ئۆلۈك دۇئاغا. تىرىكىم بىرنى ئۆلتۈرەر، ئۆلۈكۈم ئوننى. ئۆلۈككىمۇ ئۈچ كۈن سۆز، تىرىككىمۇ ئۈچ كۈن سۆز. ئەخلاقسىز ئادەم تىرىك بولسىمۇ مۇردا. جەسەتتىن قورقما، ھەسەتتىن قورق. قاغىغا ئەگەشسەڭ تاپقا باشلاپ بارار.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۆلۈك.
1 - 98
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. ھاياتى تۈگىگەن كىشى، جانسىز تەن، ئۆلگەن ئادەمنىڭ جەسىتى؛ جەسەت.
ئۆلۈكنى يۇماق. ئادەم ئۆلۈكى.
ھەركىم ئۆز ئۆلۈكى ئۈچۈن يىغلار (ماقال).
ئى. ھايۋان، قۇرت - قوڭغۇز قاتارلىقلارنىڭ ئۆلگەن، جېنى چىققاندىن كېيىنكى تېنى؛ تاپ، ،مۇردا.
ياخشى ئىت ئۆلۈكىنى كۆرسەتمەپتۇ (ماقال).
سۈپ. ھاياتىدىن، جېنىدىن ئايرىلغان؛ ئۆلگەن، جېنى چىققان، ھاياتى تۈگىگەن، جانسىز.
ئۆلۈك ئات. ئۆلۈك ئېشەك.
سۈپ. كۆچمە. قارىسىغا ئىلمىي ئۇسۇلدا ئەمەس، جانلىق بولمىغان.
لېكىن سىياسەتنى ئۆلۈك ھالدا قوللىنىشقىمۇ بولمايتتى.
ئۆلۈك يادلىۋالماق.
سۈپ. كۆچمە. ئاقمايدىغان، تىنىپ كەتكەن؛ بىر جايدا ئۇزۇن تۇرۇپ كەتكەن.
ئۆلۈك سۇ.
سۈپ. دەسسىلىپ ناھايىتى يۇمشاق بولۇپ كەتكەن، ئۇۋاق ھەم يۇمشاق.
ئۆلۈك توپا.
سۈپ. خۈنۈك؛ نۇرلۇق ئەمەس، جانسىز.
ئۆلۈك كۆز.